شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى توردا سېتىش يولى ئېچىلدى
12:43:06 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى توردا سېتىش يولى ئېچىلغان.

 11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇ قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، ھەر بىر ئىستېمالچىغا ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتقا بىر قېتىم ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەر بىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ. ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 1- دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 2- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

 شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ ئەپ دېتالىغا چىقىپ، «توردىكى پائالىيەت» ئارقىلىق كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق مال سېتىۋېلىش تۈرىدىكى ئەپ دېتاللىرىدىن «شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەپ پائالىيەت بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، پائالىيەت بېتىدىكى تاۋارلارنى كۆرۈپ تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋارلارنى بىۋاسىتە ئىزدەپ تاللاپ سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى شىنجاڭدىكى شەھەرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ، يۈنشەنفۇ ئارقىلىق پۇل تۆلىسە، ئاندىن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئەگەر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، قەدەم- باسقۇچ بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرۇپ، ئاندىن «دەرھال سېتىۋېلىش»نى چېكىپ زاكاز چۈشۈرۈشى كېرەك. ئىستېمالچىلار پۇل تۆلىگەندە، شۇ دۇكاننىڭ بارلىق ئېتىبارلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پۈتۈشۈش باھاسى ئاساسىدا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ %15 ياكى %20لىك «سېتىۋالغان ھامان دەرھال كېمەيتىش»تەك سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئىستېمالچىلار ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىۋاسىتە يېڭىسىنى سېتىۋالسىمۇ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇپىنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ھەقسىز ئېلىپ كېتىش، ھەقسىز چۇۋۇش، ھەقسىز يۆتكەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ماركىسى، يىل چېكى، سۈپىتىگە چەك قويۇلمايدىكەن. «ھەر بىر ئىستېمالچى ھەر بىر تۈردىكى تاۋاردىن بىرنىلا سېتىۋالالايدۇ» دېگەن پائالىيەت قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توردا خالىغان بىر تۈردىكى تاۋارنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، تور سىرتىدا بۇ تۈردىكى تاۋارنى سېتىۋالغاندا سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىدىن قايتا بەھرىمەن بولالمايدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125