بىرىنچى مىسال:
دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىرىنىڭ بانكا كارتىسى يېنىدا بولسىمۇ، لېكىن كارتىدىكى 14 مىڭ يۈەن پۇل ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا يۆتكەپ كېتىلگەن، يان تېلېفونى تۇيۇقسىز ئاۋازسىز بولۇپ قېلىپ بانكا كارتىسى باشقىلار تەرىپىدىن سۈركەلگەن.
خۇبېينىڭ ۋۇخەندىكى شۈ خانىم تۇيۇقسىز يان تېلېفوننىڭ ئاۋازسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، «يان تېلېفوندىن كاشىلا چىققان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە چۈشتىن كېيىن يان تېلېفونغا قارىغىنىدا، بانكا كارتىسى بىلەن باغلانغان جىفۇباۋدىن 14 قېتىمدا جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىڭ چىقىم قىلىنغانلىقىنى بايقىغان.
تەكشۈرگەندىن كېيىن، 100 يۈەندىن 9000 يۈەنگىچە سوممىدا، جەمئىي 14 قېتىم پۇل يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جىفۇباۋدىن 2395.49 يۈەن ئىستېمال قىلىنغان، بېيجىڭ باڭفۇتۇڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە 500 يۈەن، لاكالا چىقىم قىلىش چەكلىك شىركىتىگە 9893.83 يۈەن چىقىم قىلىنغان، جىفۇباۋ ئىسچوتىدىن 1100 يۈەن چىقىم قىلىنغان بولۇپ، 14 قېتىمدا جەمئىي 13889.32 يۈەن چىقىم قىلىنغان.
لېكىن شۈ خانىم بىر كۈن كېسەلخانىدا بولۇپ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يان تېلېفونى بىلەن كارتىسى يېنىدا بولۇپ، ھېچكىم ئېلىپ باقمىغان، يىتتۈرۈپ قويمىغان. شۈ خانىم يان تېلېفوننىڭ تۇيۇقسىز ئاۋازسىز بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانچە قىلىپمۇ تەڭشىيەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ، باشقىلارنىڭ ياغاچ ئات ۋىرۇسى پىروگراممىسى ئارقىلىق يان تېلېفونىنى كونترول قىلىپ، پۇلنى يۆتكەپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلانغان.
ئىككىنچى مىسال:
ئەر قىسقا ئۇچۇر ئۇلانمىسىنى چەككەندە يان تېلېفونى ئاۋازسىز بولۇپ قالغان، باشقىلار ئۇنىڭ بانكا كارتىسىنى سۈركەپ 10 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.
لياۋنىڭ شېنياڭدىكى جى ئەپەندى قەدىناس دوستى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قىسقا ئۇچۇردىكى تور بەتنى چەككەن، چەككەندىن كېيىن ھېچقانداق مەزمۇن چىقمىغان، ئەمما «ئاكتىپلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى»؛ «يۇمشاق دېتال قاچىلىنىپ بولدى»، دېگەن ئىككى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. يان تېلېفوندىمۇ ھېچقانداق بىنورماللىق يوقلۇقىنى كۆرۈپ، جى ئەپەندىمۇ پەرۋا قىلمىغان.
ئويلىمىغان يەردىن، ئەتىسى ئەتىگەندە جى ئەپەندى ئويغانغاندىن كېيىن، يان تېلېفونىغا 10 نەچچە تېلېفون، 60 نەچچە قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتمىسى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئەسلىدە يان تېلېفون ئاۋازسىز ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالغاندا، باشقىلار ئۇنىڭ ئىككى بانكا كارتىسىنى سۈركەپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن.
ئۈچىنچى مىسال:
بانكا كارتىسى يېنىدا تۇرسىمۇ، 50 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىدىن ئاران 300 نەچچە يۈەنلا قالغان.
گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋدىكى ۋۇ ئەپەندى ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. قىسقا ئۇچۇردا ئۇنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇپ، ۋۇ ئەپەندى نومۇرىنى ساقلىۋالمىغان مەلۇم بىر دوستۇم ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلانمىنى چەككەن.
يان تېلېفوندا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەچكە، ۋۇ ئەپەندى ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن، بانكا تۇيۇقسىز 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئامانەت قويۇلغان بانكا كارتىسىدا 300 نەچچە يۈەنلا قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتكەن.
ۋۇ ئەپەندى يان تېلېفونىنى خېرىدارلار مۇلازىمىتى سۇپىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، يان تېلېفونىغا ياغاچ ئات ۋىرۇسى كىرىپ قالغانلىقى، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى بىر ھەپتىلىك يوقاتقانلىقى، بىر ھەپتىدىن كېيىن ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۈنۈمىنى يوقاتقانلىقى، قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇققان.
سىرنى ئېچىش: ئالدامچى پۇلنى قانداق يۆتكەپ كەتكەن؟
دەلىللەش كودى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىشلەتكۈچى مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىش، ھېساب يۆتكەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا، ئىشلەتكۈچىگە ئالدىن قالدۇرغان يان تېلېفون نومۇرىغا يوللىنىدىغان بىر قېتىملىق مەخپىي نومۇر بولۇپ، دەلىللەش كودى بولمىسا مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ. جىنايەتچى ئۇنسۇرلار دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نىشان يان تېلېفونغا ياغاچ ئات ۋىرۇسى يوللايدۇ.
ياغاچ ئاتنى كىرگۈزۈش: ئالدامچىلار باھانى چۈشۈرۈپ ئېتىبار بېرىش، تونۇش ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىش قاتارلىق قىسقا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، تور ئادرېسىنى ئۇلاپ ياغاچ ئات ۋىرۇسىنى كىرگۈزىدۇ.
ۋىرۇسنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چەككەندىن كېيىن، ياغاچ ئات يان تېلېفوندا ئىشلەشكە باشلايدۇ.
يان تېلېفوننى نازارەت قىلىش: ئالدامچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلغان بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
ئۇچۇرنى ئوغرىلاش: ئالدامچى بانكا كارتا نومۇرىنى ئوغرىلاپ، تېز چىقىم قىلىشنى ئېچىپ، دەلىللەش نومۇرىنى قولغا چۈشۈرىدۇ.
پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش: ئالدامچىلار يان تېلېفون مالىيە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، پۇلنى بانكا كارتىسىدىن يۆتكەپ كېتىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش: ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى چەكمەسلىك كېرەك.
ئەسكەرتىش:
ئالدامچىلار ئادەتتە يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرىدىكى ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۇلانمىسىنىڭ ئالدىغا «يىغىلىپ تاماق يېگەن سۈرەت»، «كونا ساۋاقداشلارنىڭ سۈرىتى» دېگەندەك بىر ئېغىز سۆزنى قوشۇپ، سىزنى تور ئادرېسىنى ئېچىشقا قىزىقتۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە «تونۇش كىشىلەر»نى كىرىش نۇقتىسى قىلىدۇ، يەنە ھەر خىل ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرىنى يەمچۈك قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ بىلىپ- بىلمەي ۋىرۇس ئۇلانمىسىنى چېكىپ، ياغاچ ئات ۋىرۇسىنى كىرگۈزىدۇ.
بۇنداق يامان نىيەتلىك پىروگرامما ئالدىن ئىشلەپ، يان تېلېفوندىكى ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىيالنى ئوغرىلىيالايدۇ. شۇڭا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپلا قالسا چەكمەسلىك، چەكمەسلىك، دەرھال ئۆچۈرۈش كېرەك.
ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن چېكىپ قالغاندا، يان تېلېفوندىكى جىفۇباۋ، پاي چېكى قاتارلىق مال- مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھېساباتنىڭ يوقالغانلىقىنى جىددىي مەلۇم قىلىش، ھېساباتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يان تېلېفوننى رېمونت قىلىش نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىپ قايتىدىن سىستېما قاچىلاش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)