ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ رۇ سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبەلەن ۋاڭداسېن
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «باشقىلارنىڭ نامىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش»تىن كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق ماجىرانى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، سوت مەھكىمىسى «باشقىلارنىڭ نامىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىناۋەتسىز، بازارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزدى، دېگەن سەۋەب بىلەن دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
بۇ يىل 2- ئايدا، ئالىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىناۋەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن قەرز ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ياسىن(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)دىن ياردەم سورىغان، ياسىن بىلەن ئالىم «ئىسىم ئارىيەت ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئالىم ياسىننىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ قەرز ئېلىپ بىر كىچىك تىپتىكى پىكاپ سېتىۋالىدىغان ھەم ئاپتوموبىلنى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان، ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ھەم ھەر ئايدا قايتۇرىدىغان پۇلنى ئالىم ياسىنغا يۆتكەپ بېرىدىغان، ئالىم ياسىنغا 4000 يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىدىغان، ئەگەر ھەرقانداق بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ 20 مىڭ يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن.
ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئالىم ياسىنغا پەقەت ئىككى ئايلىق قەرز پۇلىنى تۆلەپ، قالغان پۇلنى قايتا تۆلىمىگەن. 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، ياسىن ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئالىمدىن ئاپتوموبىل قەرزىنى داۋاملىق تۆلەشنى ھەم توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئارىسىدا ماجىرا تۇغۇلغان. 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ياسىن ئالىم ئۈستىدىن غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئالىمدىن قەرز پۇل ھەم توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى داۋاملىق تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى: ئالىمنىڭ ياسىننىڭ نامىدا ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلىقى ھەم ئاپتوموبىلنى ياسىننىڭ نامىغا تىزىملاتقانلىقى قارىماققا ئېلىم- سېتىم توختامى بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە خەلق ئىچى ئېلىم- بېرىم مۇناسىۋىتىگە كىرىدۇ. خەلق ئىچى ئېلىم- بېرىمىدە، قەرز بەرگۈچىنىڭ مەبلىغى چوقۇم ئۆزىنىڭ مەبلىغى بولۇشى كېرەك. «باشقىلارنىڭ نامىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش» قارىماققا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بازارنى قېلىپلاشتۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ قەرز بېرىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ياسىننىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
سوتچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى
«باشقىلارنىڭ نامىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش»نىڭ ناھايىتى زور قانۇنىي خەۋپ- خەتىرى بار، ئەمەلىي ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئىسمىنى ئارىيەت بەرگۈچى يېنىۋالسا، پۇل ۋە ئاپتوموبىلدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئىسمىنى ئارىيەت بەرگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر ئەمەلىي ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچى قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، ئۆزى ئاپتوموبىل قەرزىنى قايتۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)