ۋاقىت يەنە سەھەر سائەت بىرنى كۆرسەتتى
سىز ئۇزۇن بىر ئۇھ تارتقىنىڭىزچە
ھاياتنىڭ جاپالىقلىقىدىن غۇدۇراپ قويدىڭىز
بىراق سىز شۇنى ئويلىدىڭىزمۇ- يوق:
بەدىنىڭىزدە كىچىككىنە بىر ئەزا باركى
سىز پېنسىيەگە چىقسىڭىزمۇ ئۇ پېنسىيەگە چىقمايدۇ
سىز دەم ئالسىڭىزمۇ ئۇ دەم ئالسا بولمايدۇ
ئۇنىڭ خىزمەت ئىستاژى ھەتتا سىزنىڭ يېشىڭىزدىنمۇ چوڭ
ئۇ 7x24 سائەت ئۇيقۇسىز، تىنىمسىز خىزمەت قىلىدۇ
ئۇ دەل يۈرەك
ھاياتىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق يۈرەك سوقۇش
تۆرەلمە ۋاقتىمىزدىنلا باشلاندى
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن
قىسمەن يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى
ئۆزلۈكىدىن ھەم قانۇنىيەتلىك ھالدا توك ئىمپۇلسى قويۇپ بېرىپ
ھاياتىمىزنىڭ رىتىمىنى
بىر مىنۇتمۇ توختىماي تەكرارلاشقا باشلىدى
يۈرەك پەقەت ئادەمنىڭ مۇشتى چوڭلۇقىدا
ئەمما پۈتۈن بەدەننى قان بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى قان تەخمىنەن بەش لىتىر كېلىدۇ
يۈرەك پەقەت بىر مىنۇت ۋاقىت ئەتراپىدىلا
پۈتۈن بەدەندىكى قاننى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ
ئەگەر چوڭ ئارتېرىيە يېرىلىپ كەتسە
ھاياتلىقنى ساقلايدىغان بۇ خىل قۇدرەتلىك كۈچ
قاننى ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە پۈركۈيدۇ
بۇنىڭدىن باشقا
يۈرەكمۇ ئىنتايىن «ئەقىللىق»
ئۇ نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە
كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن رىتىمىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرالايدۇ
قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ يۈرەك رىتىمى
سەگەك تىنچ ھالەتتە ئادەتتە مىنۇتىغا 60 - 100 قېتىم بولىدۇ
ھەرىكەت قىلغاندا ياكى جىددىي ھالەتتە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ
بەدەننىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ
ئۇخلىغاندا يەنە يۈرەك رىتىمى ئاستىلاپ
ئېنېرگىيە تېجەيدۇ
شۇنداق مۇكەممەل ھەم كۈچلۈك يۈرەك
بىر ئۆمۈر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليارد قېتىم سوقىدۇ
ئايلاندۇرۇش جەريانىدا 20 مىليون لىتىردىن كۆپ قاننى سىقىپ چىقىرىدۇ
ھالبۇكى، بۇنداق كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ كېلىش مەنبەسى
يۈرەك مۇسكۇللىرى تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى يىپسىمان تەنچىنىڭ
ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىدىن بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن
ئەسلىدىنلا ئىنتايىن مول قان تومۇر تورىغا ئىگە بولۇپ
ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق نەيچىسى يېتەرلىك
ھالبۇكى
قانچىلىك كۈچلۈك ئەزا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر
ئىزچىل مۇكەممەللىكنى ساقلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس
يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى
كاشىلا كۆرۈلۈشنىڭ ئىمكانقەدەر ئاز بولۇشى ئۈچۈن
قەرەللىك ھالدا ئاقسىل ۋە ھۈجەيرە ئەزالىرىنى يېڭىلايدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
يېنىك دەرىجىدە زەخىملەنگەندە ئۆزلۈكىدىن چەكلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىدۇ
لېكىن، ئۇنىڭ قەيسەرلىكى سەۋەبىدىن
سىز كەينىدىكى كرىزىسلارغا سەل قارايسىز
ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش ئاسانلا قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
ئادەم بەدىنىدە تېخىمۇ ئاسان ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ
قان تومۇر ھالىتى ناچارلىشىدۇ
يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى نىكوتىن بىلەن كاربون چالا ئوكسىد
قان تومۇر ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ
قان نۆكچىسى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
نىكوتىن يەنە يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ
كاربون چالا ئوكسىد بولسا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى تېزلىتىپ
ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ
يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئۇزاق مۇددەت تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش
ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بولسا
ئاسانلا سېمىزلىك ۋە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش
يۈرەك قان تومۇر كېسىلى خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ
ياخشى ئادەت بولسا يۈرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ
سىز ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇن سوقىدۇ
قەتئىي تاماكا چەكمەڭ
ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەڭ
سالامەتلىكىڭىزنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ
مۇۋاپىق غىزالىنىڭ
تۇرمۇشىڭىزنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈڭ
دائىم چېنىقىپ بېرىڭ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تاڭ چىن، جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى، دۆلەت ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى