ياخشى يارىتىلغان يېڭىلىق دېگەن نېمە؟ باشقۇرۇش ئىلمى ئالىمى دىرۇك: ئاددىي، چۈشىنىشلىك، نىشانى ئېنىق يېڭىلىق ياخشى يارىتىلغان يېڭىلىق، دەپ قارايدۇ. ئاددىي بولغاچقا ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، ئۇنىڭ قايسى ئېھتىياج ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق يېڭىلىق ناھايىتى تېز راۋاجلىنىدۇ، تارقىلىشىمۇ تېز بولىدۇ.
ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر مەلۇم بىر ئۇقۇم ئاڭلىماققا قالتىستەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىسە، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىلەنمۇ، ئۇنى يارىتىلغان يېڭىلىق ئەمەس، پەقەت بىر ئارزۇ دېيىشكىلا بولىدۇ.
شۇڭا، دىرۇك مۇنداق دېگەن: بىر تۈرلۈك يېڭىلىق ئېرىشكەن ئەڭ گۈزەل مەدھىيە كىشىلەرنىڭ: «ۋاھ، بۇنىڭدا سۈرەتلەنگەن مەنزىرە نېمىدېگەن گۈزەل- ھە؟ سىز ھەقىقەتەن ياخشى تەسەۋۋۇر قىپسىز» دېيىشىدە ئەمەس، بەلكى «پاھ، بۇنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن، لېكىن نېمىشقا مېنىڭ خىيالىمغا كەلمىگەندۇ- ھە؟» دېيىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.
شۇڭا، مېنىڭچە دىرۇكنىڭ: «كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭىلىق ياراتماي، بەلكى ھازىر ئۈچۈن يېڭىلىق ياراتقۇلۇق» دېگەن بىر جۈملە سۆزى تولىمۇ قالتىس ئېيتىلغان، يەنى، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان يېڭىلىقلار يېڭىلىق يارىتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ئىش. كەلگۈسى دېگەن نېمە؟ كەلگۈسى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق بارلىققا كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنى كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يارىتىمىز.