ئىش ئۇققۇدەك بولغىنىمدىن باشلاپ بىلسەم، دادام ئىزچىل گېزىتكە مۇشتەرى بولىدىكەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەينى چاغدا «خەلق گېزىتى» ۋە «پايدىلىنىش خەۋىرى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل گېزىت بار ئىدى، ھەر قېتىم ۋېلىسىپىتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىساقلا، گېزىت توشۇغۇچىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلەتتۇق. ئەينى چاغدا گېزىت يېزىلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز ئىدى. بىزنىڭ ئۆيدە، گېزىتنىڭ ئوقۇشتىن باشقا، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كەڭ ئىدى. ھەر قېتىم مەكتەپ يېڭى كىتاب تارقاتقاندا، بىز ئۇنىڭ بىلەن مۇقاۋىلايتتۇق. بولۇپمۇ باھار بايرىمىدا ئانام يىغقان گېزىتلىرىنى چىقىرىپ، بىر قەۋەت يىلىم سۈرتۈپ، ئۇنى تامغا تەكشى چاپلاپ قوياتتى. ئۆي بىردىنلا يىپيېڭى تۈسكە كىرىپ، باسما مېيىنىڭ سۇس پۇرىقى ئۆيگە قويۇق كىتاب ھىدى قوشاتتى.
ئەسلىي مەزمۇننى ئوقۇماقچى بولسىڭىز مېنى چېكىڭ
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)