يېقىندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، ھەرقايسى تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئۈسكۈنىلىرى سۈپەتلىك ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىگە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېلانلار چاپلانغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى كېلىپ تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان تاۋارلار تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە بۇستارتقۇ، گاز ئوچاق قاتارلىق ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى، يەنە ماتۇڭ، ۋاننا، ئەينەك ئىشكاپ، چىراغ، فارفۇر خىش، پول قاتارلىق مۇنچا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەنە ئىشكاپ تۈرىدىكىلەر، سافا، تۇتقۇچ، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى، كارىۋات جازىسى، كارىۋات سېلىنچىسى، توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق، نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى، يىقىلىپ چۈشۈشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشقان مەھسۇلاتلار كۆپەيتىلدى.
ئىستېمالچىلار ئۆي بېزەكچىلىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋالسا، ھەر تۈردىكى تاۋارغا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سوممىسى 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كونا ئۆيلەرنى بېزەش ۋە قىسمەن ئۆزگەرتىش، ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئىستېمال قەرز پۇلىدا بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە ئۆسۈم ياردىمى مەدىتى بېرىلىدۇ. ئۆسۈم ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار ئۆسۈم ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەر ۋە ئىلتىماس قىلىش يوللىرى بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %3ى، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ، ئۆسۈم ياردىمى سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى سىياسىتى تۈرى ئەسلىدىكى 13تىن 49غا كۆپىيىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئىستېمالچىلار ئەمەلىي نەپتىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 11- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە، قەشقەر شەھىرىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە جەمئىي 16 مىليون 570 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە: 191 ئاپتوموبىلغا ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىلگەن، 3 مىليون 450 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىلغان؛ 628 ئاپتوموبىلغا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىلگەن، 10 مىليون 230 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل تارقىتىلغان؛ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە 2799غا ياردەم پۇلى بېرىلىپ، 2 مىليون 890 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان. توكلۇق ۋېلىسىپىت، ئۆي بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى ئۈسكۈنىلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىلىۋېتىپتۇ.
(مۇخبىر ئەزھەر، پىراكتىكانت مۇخبىر شىرئەلى)