11- ئاينىڭ 18- كۈنى، دوستلۇق خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىكى بىر ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىدا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى نۇرغۇن خېرىدارنى دۇكانغا كېلىپ مەسلىھەت سوراش، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ سىناپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. (مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)
ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىقلار بازىرىنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى ئاشتى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىل تۈرتكىسىدە ھەرقايسى داڭلىق ماركا، سودا ساراي، بازارلار يەنىمۇ كۈچەپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى «ئالماشتۇرۇشنى خالىماسلىق»، «ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق»تىن «مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماشتۇرۇش»، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالماشتۇرۇش»قا ئۆزگەردى.
ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى سىجىل بازار تاپتى
مۇخبىر 11- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى جۇڭسەن يولىغا جايلاشقان بىر شياۋمى دۇكىنىغا كىردى، دۇكان ئالدىغا «كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىشكە قاتناشقان دۇكان» دېگەن تاختا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر ئېتىبارى بار، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، باشقا ئېتىبارلاردىن تەڭ بەھرىلەنگىلى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاۋ يۈەنيۈەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكانغا كىرىپ تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.
جاۋ يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: «مەن ئەڭ يېڭى تىپتىكى بۇ كىرئالغۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئەسلىي باھاسى 5499 يۈەن ئىكەن، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن 4399 يۈەنگە ئالالايدىكەنمەن، ياردەم پۇلىنىڭ سالمىقى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، ھازىر تور سىرتىدىكى دۇكاندا سېتىلىپ بولاي دەپ قاپتۇ، ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، لازىملىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالمىسام ئۈلگۈرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن».
سايباغ رايونىغا جايلاشقان سۇنىڭ يىگوۋ شىمالىي دوستلۇق يولى بايراقدار دۇكىنىدىكى «يېڭى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى» ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز بۇستاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىشى كۆرۈنەرلىك تېز بولدى.
سۇنىڭ يىگوۋ شىمالىي دوستلۇق يولى بايراقدار دۇكىنىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇي مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى، سودىگەرلەرنىڭ ياردەم پۇلى، زاۋۇت ياردەم پۇلى قوشۇلۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى %45كە يەتتى، ھازىر دۇكىنىمىزدىكى خەيئېر ماركىسىدىكى ئون كىلوگىرام سىغىملىق ئاپتوماتىك كىرئالغۇنىڭ باھاسى 2499 يۈەن بولۇپ، 1360 يۈەنلىك ئېتىبار باھاغا چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىۋاتىدۇ، چۇاڭۋېي ماركىلىق 75 دىيۇملۇق تېلېۋىزورنىڭ باھاسى 9999 يۈەن بولۇپ، 5949 يۈەنلىك ئېتىبار باھاغا چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارمۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلدى. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى ۋە كارخانىلارنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىن ئىبارەت قوش ئېتىبارنىڭ تۈرتكىسىدە، دۇكىنىمىزدىكى خېرىدارلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە ئاشتى».
«ۋوجيا» ئېلېكتىر سايمانلىرى مىدۇڭ دۇكىنىنىڭ باشلىقى لى جىياۋ مۇنداق دېدى: كۆپ خىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئوخشاش ماركىدىكى، ئوخشاش ئىقتىداردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشتا ئەمەلىي دۇكاندىن سېتىۋالسا باھاسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى سالمىقى ئەڭ زور بىر قېتىملىق كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش، ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاشخانا، ھاجەتخانا، ئۆي بېزەش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىمۇ ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ، سۇ تازىلىغۇچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسىمۇ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى
«ئاپتوموبىلىمنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانىدىم، ھازىر ھەممە دۇكاندا دېگۈدەك ئېتىبار پائالىيەتلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىبار بېرىش سالمىقى ناھايىتى زور ئىكەن، بۇنىڭغا سەل قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن». ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋېي خۇڭيۈ دوستلىرى بىلەن مىدۇڭ رايونىدىكى تيەنخۇي ئاپتوموبىل شەھەرچىسىگە بېرىپ ئاپتوموبىل تاللىدى، ئۇ ياقتۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئەسلىي باھاسى تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنى داۋاملاشتۇرغان «قوش11»لىق ئالاھىدە باھالىق ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى قوشقاندا جەمئىي 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئەرزان سېتىۋالالايتتى.
شىنجاڭ تيەنخۇي تېڭشياڭ ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى شۆ شىن مۇنداق دېدى: «بىز تۆت ئاپتوموبىل تىپىنى بازارغا سالدۇق، ئاپتوموبىل زاكاز قىلغانلار يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئېتىبارى ۋە سوۋغاتلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن خېرىدارنى ئاپتوموبىل زاكاز قىلىشقا جەلپ قىلدۇق».
شىنجاڭ خۇادا ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى نيۇ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىز ئالاھىدە باھالىق ئاپتوموبىلدىن 11نى بازارغا سالدى. سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان ئىستېمالچىلار قىسمەن ئاپتوموبىل تىپلىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 48 مىڭ يۈەن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپشۇرماسلىق، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى خەن لياڭ شىنجاڭ خەيدى بىيادى 4S دۇكىنىدا دوستلىرى بىلەن بىر توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۈرۈشتۈردى.
شىنجاڭ خەيدى بىيادى 4S دۇكىنىنىڭ سېتىش دىرېكتورى يۈ كۇن مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ ماركىدىكى توققۇز خىل ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ھەممىسى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىگە قاتناشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىلى توكلۇق ئاپتوموبىل، تۆت خىلى قوش يېقىلغۇلۇق دىۋىگاتىللىق ئاپتوموبىل.
خەن لياڭنىڭ ئاپتوموبىلى ماي يېقىلغۇلۇق بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاپتوموبىلىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرماقچى ئىدى. خەن لياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، يەنە ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئېتىبارى بار ئىكەن، ھازىر ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشنىڭ دەل پەيتى. خىزمەتچى خادىم ماڭا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش، دۆلەت ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تەۋەلىكىدىكى 91 ئاپتوموبىل كارخانىسى، 20 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسى، ئۈچ توكلۇق ۋېلىسىپىت كارخانىسى، توققۇز ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى كارخانىسىنى (20 دۇكاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 68 كارخانا ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، 11- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش ئىلتىماس قىلىنغان ئاپتوموبىل جەمئىي 1098گە يەتتى. (مۇخبىر گەي يۈ، جيا مېڭيەن، مۇ مىن، ۋاڭ لىنا)