شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سەنياغا يېتىپ باردى
17:27:27 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 11- ئاينىڭ 19- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىگە يېتىپ باردى، 10 ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە قاتنىشىدۇ.

 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 18 ماھارەت مۇسابىقىسى تۈرى ۋە ئۈچ تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، مەشئەل يەتكۈزۈش، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىنى مۇكاپاتلاش كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنياغا يېتىپ بېرىپ، ئايرودۇرۇمدا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ فوتوسى

 شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە چامباشچىلىق، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى، تاختا ئاياغ بىلەن تېز سۈرئەتتە مېڭىش، مەرۋايىت توپ قاتارلىق يەتتە مۇسابىقە تۈرى ۋە مەررە توپ، دارۋازلىق، ساغاردى قاتارلىق ئۈچ ئويۇن تۈرىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاختا ئاياغ بىلەن تېز سۈرئەتتە مېڭىش ۋە مەرۋايىت توپ مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 208 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 123، تىرېنېر 10، يېتەكچى 10، سېنارىست ۋە رېژىسسور ئىككى، تۇەن ئىشتابتىن 25، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئويۇن قويغۇچى 38.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنياغا يېتىپ بېرىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125