​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| «قىزىم قورقماڭ، مەن بار!»
15:17:31 2024-11-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋۇ شەنخۇي

ئاپتورنىڭ دادىسى بىلەن ئاپتورنىڭ قىزى

«بۈيۈك تاغدۇر دادا مېھرى، زىممىسىدە مىڭ پاتمان يۈكى، بوران- چاپقۇنغا قالقان دۈمبىسى.» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، دادامنىڭ مۇھەببىتى مېنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يىقىلىپ چۈشسەم، ئۇنىڭ تاغدەك ھىمايىسىدە قايتىدىن باش كۆتۈرەلەيمەن؛ يارىلانسام، ئۇنىڭ كەڭ، مۇنبەت «مەنىۋى تۇپرىقى»دىن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوبۇل قىلالايمەن؛ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، مەن ئۇنىڭ سەگەك، ئاقىلانە تەھلىللىرى ئارقىلىق ھەق- ناھەق، توغرا- خاتاغا توغرا ھۆكۈم قىلالايمەن ...... سىزنى ئۇچراتقىنىمغا رەھمەت، دادا.

 ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۈچ ياشلىق قىزىمغا تۇغما ئۆت غول نەيچىسى كېڭىيىپتۇ، دەپ دىياگنوز قويۇلدى، دوختۇر، بۇنداق كېسەلنى داۋالاشتا چوقۇم ئۆت غول نەيچىسىنى ئاچچىق ئۈچەيگە ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە بالدۇر قىلسا شۇنچە ياخشى، دېدى. كېسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بېشىمغا ئاسمان غۇلاپ چۈشكەندەك ھېس قىلدىم، دادامغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئۇ 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەتىسى، بىز باشقا دوختۇرخانىلاردىمۇ ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتۇق، مەن ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتالماي دادامغا تېلېفون بەردىم. دادام تېلېفوندا تەمكىنلىك بىلەن: «قىزىم قورقماڭ، مەن بار! بىز ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئەڭ ياخشى دوختۇرنى تېپىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرايلى ...»، دېدى. دادامنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىم توختىماي ئاقتى.

 دادام ئىزچىل مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكۈم ئىدى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقاي، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن مېنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلاتتى. «قىزىم قورقماڭ، مەن بار!» بۇ دادامنىڭ ئادەت سۆزىگە، شۇنداقلا مېنىڭمۇ مەنىۋى تۈۋرۈكۈمگە ئايلاندى، ھەر قېتىم بۇ گەپنى ئاڭلىغىنىمدا، شۇ قەدەر خاتىرجەم بولىمەن.

دادامنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم  2008- يىلى ئىدى، ئۇ چاغدا مەن ناھىيە بازىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم، ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى، كىچىك مومام (مومامنىڭ سىڭلىسى) مېنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، تەتىلدە مېنى ئۆزى ئاچقان مانتا دۇكىنىدا ئىشلەشكە ئېلىپ قالدى، لېكىن بۇنچىلىك ئىش ھەققى مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىشىمغا دال بولالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن كىچىك مومام ئاق كۆڭۈل ھاممامنى ئېسىگە ئالدى. كىچىك مومام مېنى ھاممامنىڭ ئۆيىگە ئىككى قېتىم ئاپارغانىدى، تۇنجى قېتىم بارغاندا ئۇلار ئۆيىدە يوق ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كىچىك مومام مەندىن، يەنە بىر قېتىم بارغۇڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: «يۇرتۇمدىن ئېلىپ كەلگەن يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ھاممام تېخى تېتىپ باقمىدى»، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، كىچىك مومام مېنى باشلاپ ھاممامنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى يەنە بىر قېتىم چەكتى، ئىشىكنى ئاچقىنى دەل مېنىڭ ھاممامنىڭ ئېرى، يەنى ھازىرقى دادام ئىدى.

ئالدىراپ- تېنەپ بىر قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، ئوقۇش ئۈچۈن مەكتىپىمگە قايتىپ كەتتىم. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ساۋاقدىشىم يۈگۈرۈپ كېلىپ، «بوۋىڭىز سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ» دېدى. مەن ھاڭ- تاڭ قالدىم، مېنىڭ ناھىيە بازىرىدا بوۋام يوق تۇرسا، خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ بۇ گەپكە پەرۋا قىلمىدىم. كېيىن، ئىسمى مېنىڭ ئىسمىمدىن بىر خەتلا پەرقلىنىدىغان بىر دوستۇم ھاممامنىڭ ئېرىنى باشلاپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئەسلىدە ھاممامنىڭ ئېرى مېنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن، لېكىن ئىسمىمنى ئېسىدە خاتا تۇتۇۋالغاچقا، دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈشىمىز، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ پاراڭلاشقان ۋاقتىمىز ئىدى. ھاممامنىڭ ئېرى مېنى تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئوقۇتۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن ئەلۋەتتە خالايتتىم، مەن ھەم تەسىرلەنگەن ھەم ھاياجانلانغان ھالدا كەلگۈسىدە ئىككىيلەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، مېھىر- شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى.

ئاتا- ئانام ماڭا بارلىق مۇھەببىتىنى بېغىشلىدى. تولۇق ئوتتۇرىدىكى مەزگىلدە، بىر قېتىم مەن ئاغرىپ قالدىم، ئۇلار ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، نۆۋەت بىلەن مەكتەپكە ئەكېلىپ بەردى. داشۆدىكى ۋاقتىمدا، دادام دائىم مېنى يوقلاپ مەكتەپكە كېلىپ، ماڭا كىتاب تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىشنى ئۆگىتىپ، يېزىقچىلىق جەھەتتىكى قىزىقىشىمنى يېتىلدۈردى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلەم ئۈچۈن غەم يېدى. ئۇ ئادەتتە ئىقتىسادچىل بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن بۇرۇن قىلچە ئىككىلەنمەستىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىرىپ مېنى يۈننەن كۇنمىڭدا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مېنىڭ يۈز تۇرا ئىمتىھان باسقۇچىغا كىرگەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ھەم ھاياجانلاندى ھەم جىددىيلەشتى، لېكىن مېنىڭ ئالدىمدا ھەمىشە تەمكىن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى، ئۇ دائىم: «قىزىم قورقماڭ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەڭ، مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، مەن سىزگە يۆلەك بولىمەن، بىز يەنە تىرىشساق بولىدۇ»، دەيتتى. تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرا ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولدۇم، مېنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېفون بەرگەن ئادىمىم يەنىلا دادام بولدى، مەن: «دادا، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، بارلىق تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتتى»، دېدىم. تېلېفوندا يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىغان دادام ماڭا توختىماي تەسەللىي بېرىپ، ماڭا داۋاملىق تىرىشىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىدى. تىرىشقان يەردە قالماپتۇ، دېگەندەك، مەن يەنە بىر قېتىم يۈز تۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، غەلىبە قىلدىم. كېيىن مەن توي قىلىپ بالىلىق بولدۇم، دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ئېشىپ باردىكى، ھەرگىزمۇ كەملەپ قالمىدى، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش بولسۇن ياكى روھىي جەھەتتىن قوللاش بولسۇن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى.

«قىزىم قورقماڭ، مەن بار!» بۇ گەپ دائىم مېنى چەكسىز كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ھازىر، مەن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ياشقا قەدەم قويدۇم، مېنىڭمۇ دادامغا «دادا قورقماڭ، قىزىڭىز بار!» دېگۈم كېلىدۇ.

ئاپتورنىڭ ئادرېسى: يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ گېزىتخانىسى

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125