كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر! لوپنۇر- چەرچەن تاشيولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى تەڭشەلدى
10:52:56 2024-11-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 11- ئاينىڭ 18- كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 12دىن باشلاپ، S254 لىنىيەسى لوپنۇر- چەرچەن تاشيولى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لوپنۇر- چەرچەن تاشيولى» دېيىلىدۇ)نىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (توققۇز كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن)نىڭ يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 60 كىلومېتىردىن 80 كىلومېتىرغا كۆتۈرۈلگەن.

 جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەت- تىجارەت كوللېكتىپىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لوپنۇر- چەرچەن تاشيولىنىڭ ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە مۇلازىمەت قىلىش تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل سەپەر قىلىش ئارزۇسىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي دەلىللەش ئارقىلىق يول ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى قىسمەن يول بۆلەكلىرىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى قىممىتى ئۆستۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لوپنۇر- چەرچەن تاشيولىنىڭ 21 كىلومېتىر قوشۇلغان 820 مېتىرلىق جايىدىن 335 كىلومېتىر قوشۇلغان 341.423 مېتىرلىق جايىغىچە بولغان بۆلىكى تەڭشەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 82.58 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە ئەسلىدىكى سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق سۈرئەت چەكلىمىسى ساقلاپ قېلىنغان، 230.38 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە سۈرئەت چەكلىمىسى كىىچك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ 80 كىلومېتىر، باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ 60 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، باشلىنىش نۇقتىسىدىن تارىم دەرياسى بۆلىكىگىچە بولغان 21 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە يەنىلا سائىتىگە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت چەكلىمىسى ساقلاپ قېلىنغان. بۇ قېتىمقى سۈرئەت چەكلىمىسىنى تەڭشەش يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

 (مۇخبىر: جىڭ لىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ خۇافېڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: بايىنغولىن ئوبلاستى «نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125