تور ساقچىسى WiFi بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى
17:27:29 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 WIFI بىر خىل سىمسىز تور تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاقە تورىغا قولايلىق كىرىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىمۇ مەۋجۇت.

 سىز دائىم ناتونۇش WIFIنى ئۇلامسىز؟

 سىز بۇنداق WiFiنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىق بىلەمسىز؟

 سىز بۇنداق تور بىخەتەرلىكى خەتىرىدىن ساقلىنىشنى بىلەمسىز؟

 ھوقۇق بېرىلمىگەن زىيارەت خەتەرلىك

 ئاددىي مەخپىي نومۇرنى ئاسانلا يېشىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر WiFi مەخپىي نومۇرى ئاددىي، مەسىلەن پۈتۈنلەي سان، ئاددىي تەرتىپلىك سان (12345678 گە ئوخشاش) ياكى كۆپ ئۇچرايدىغان يەككە سۆزلەر بولسا، خاككېرلار مەجبۇرىي يېشىش قورالى ئارقىلىق مەخپىي نومۇرنى تېز سۈرئەتتە پەرەز قىلالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ سىزنىڭ تورىڭىزغا ئۇلىنالايدۇ.

 ۋاسىتىچىنىڭ ھۇجۇمى

 ھۇجۇم قىلغۇچى ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسى ۋە WiFi ئۇلىنىش نۇقتىسى ئارىسىدا تور ئېقىم مىقدارىنى توسىدۇ. مەسىلەن: ئاممىۋى WiFi مۇھىتىدا خاككېرلار قانۇنلۇق WiFi نامى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ساختا تور تارقىتىش نۇقتىسىنى قۇرالايدۇ. ئابۇنىچى ئۇلىغاندىن كېيىن، ھۇجۇم قىلغۇچى ئابۇنىچىنىڭ تورغا چىقىش جەريانىدىكى خىلمۇخىل ئۇچۇرلىرى، مەسىلەن ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇر، بانكا كارتىسى ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىيالايدۇ.

 ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى

 بىخەتەر بولمىغان WiFiغا ئۇلىغاندا، ئۈسكۈنىنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، سىزنىڭ ئورنىڭىز ياكى شەخسىي قىزىقىشىڭىز؛ ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ تور پائالىيىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى مۇمكىن.

  يامان غەرەزدە يۇمشاق دېتال تارقىتىش

 بىخەتەر بولمىغان WiFi تورى يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال تارقىتىش يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلانغان ھامان، ئۈسكۈنە ئاپتوماتىك ھالدا يامان غەرەزدىكى يۇمشاق دېتال بار ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشى ۋە قاچىلىشى مۇمكىن، بۇ يۇمشاق دېتاللار سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىشى، ئۈسكۈنىنى كونترول قىلىشى ياكى ئۈسكۈنىگە باشقا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

 ساقچى تەرەپ ئەسكەرتىشى

 مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ھەقسىز ئۇلىنىدىغان WiFiدا شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىش، مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ھەمدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىق كۆپ خىل خەۋپ- خەتەر مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئابۇنىچىلار ھەقسىز WiFiغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125