شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت باش ئەلچىسىدىن 20 نەپەر قوبۇل قىلىدۇ
17:04:52 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى) 11- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ياخشى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ فوند جەمئىيىتى نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت باش ئەلچىسىدىن 20نى قوبۇل قىلىدىكەن.

 قوبۇل قىلىش شەرتى: يۈكسەك جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتكە ئىگە بولۇش، مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقىت، زېھنىي كۈچ ۋە بايلىقىنى سەرپ قىلىشنى خالاش؛ ئۆز ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولۇش؛ ياخشى ئاممىۋى ئوبرازغا ۋە جەمئىيەتتە ئىجابىي باھاغا ئىگە بولۇش، قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ بىر قەدەر كۈچلۈك ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛ شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېيىپلەرگە ماھىيەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەش ۋە قوللاش.

 مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت باش ئەلچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۈرلۈك مېيىپ كىشىلەر ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساداسى ۋە ئېھتىياجىنى يەتكۈزۈش؛ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش؛ ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار.

 شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار قىسقىچە تەرجىمىھالى، يېقىندا چۈشكەن سۈرىتى ھەم ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىكى ئويىنى تۆۋەندىكى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىغا يوللىسا بولىدۇ:  591968144@qq.com  پوچتا يوللانمىسىنىڭ باش تېمىسىغا «مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت باش ئەلچىسى ئىلتىماسى- ئىسىم- فامىلە- ساھە»نى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. تاللانغانلار مەخسۇس ئىشلەنگەن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت باش ئەلچىسى تەشۋىقات ئېلانىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە تەكلىپنامە تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەگەر سوئالىڭىز بولسا، شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 8732055- 0991غا تېلېفون بەرسىڭىز بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125