11- ئاينىڭ 20- كۈنى «جۇڭگو يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش كۈنى». يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (قىسقارتىلىپ يۈرەك تىقىلمىسى دېيىلىدۇ) ھاياتلىققا تەھدىت سالىدىغان بىر خىل جىددىي كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى ياشانغانلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگودا قېرىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2002- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (AMI) بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلاردا شەھەرلەرنىڭكىدىن سىجىل يۇقىرى بولغان.
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى قايسىلار؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇشى مۇمكىن؟
01
نېمىشقا يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بېرىدۇ؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈرەكنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەسى تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قېلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشىدىن ئىبارەت.
نېمىشقا توسۇلۇپ قالىدۇ؟ بۇ، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، تاجسىمان ئارتېرىيەدە ياغ ماددىسى چۆكۈپ ۋە يىغىلىپ قېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشقان داغ پارچىلىرى شەكىللىنىدۇ. ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك جەريان بولۇپ، قان تومۇر دىۋارىنى ھەم قېلىن، ھەم قاتتىق قىلىۋېتىدۇ.
ئەڭ خەتەرلىك پەيت ھەمىشە مۇشۇ داغ پارچىلىرى يېرىلغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ: قان پىلاستىنكىلىرى يېرىلغان ئورۇنغا تېزلىكتە يىغىلىپ، قان نۆكچىسى ھاسىل قىلىپ، تاجسىمان ئارتېرىيەنى ناھايىتى تېزلا توسۇۋېلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ئېقىمى بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئۈزۈپ قويىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، قان تومۇر خۇددى توشۇش يولىغا ئوخشايدۇ، بۇ يول توسۇلۇپ قالسا، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا توقۇلمىلار ئۆلىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياشنىڭ چوڭ بولۇشىدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىللىك يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى خولېستېروللۇق قان، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چېكىش، سېمىزلىك، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتىمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، جىددىي خاراكتېرلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار، مەسىلەن، تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن كەيپىياتتىكى جىددىيلىك، زىيادە ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت، ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «ئەڭ ئاخىرقى چەك»كە ئايلىنىپ، يۈرەك تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەۋپ- خەتەر ئامىلى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاياللار ھەيز توختاشتىن ئىلگىرى ئادەتتە ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوغداش رولىدىن مەنپەئەتلەنگەچكە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ھەيز توختىغاندىن كېيىن بۇ قوغداش رولى يوقىلىپ، خەۋپ- خەتىرى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت ئاغرىقلىرى ئالاھىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغالغاندا كۆكرەك ئاغرىش ئىپادىسى روشەن بولمايدۇ، بەلكى چارچاش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساس بولۇپ، ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)