دىيابېت ئىرسىيەت قالامدۇ؟ دىيابېت بىمارلىرى مېۋە يېسە بولمامدۇ؟ بۇ 10 چوڭ خاتا قاراشنىڭ قانچىسىگە ئىشىنىپ كەلدىڭىز؟ (1)
12:30:49 2024-11-21 تىيانشان تورى

  1

 دىيابېت شېكەرنى كۆپ يېگەنلىكتىن كېلىپ چىققانمۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال

 بۇ قاراش توغرا ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىت شېكەرنى كۆپ يېيىش دىيابېت كېسىلىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن ئۇ دىيابېت بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 تەھلىل

 تەھلىل: دىيابېت ئاساسلىقى بىر تىپلىق دىيابېت ۋە ئىككى تىپلىق دىيابېت ، دەپ ئايرىلىدۇ:

 ● بىر تىپلىق دىيابېت ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئىنسۇلىن ھاسىل قىلىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچە ھۈجەيرىسىنى بۇزۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ھەرگىزمۇ يېمەك- ئىچمەك ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاشتىن كېلىپ چىقمايدۇ.

 ●ئىككى تىپلىق دىيابېت ئىرسىيەت، مېتابولىزم ۋە مۇھىت ئامىلىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئامىلنىڭ ئورتاق تەسىرىدە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى β ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىدىن شەكىللىنىدۇ.

 بىراق، شېكەرنىڭ دىيابېتقا بولغان تەسىرى يەنىلا غايەت زور بولىدۇ:

 ●بىر تىپلىق دىيابېتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنى بەك كۆپ يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

 ● ئىككى تىپلىق دىيابېتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنى بەك كۆپ يېگەندە ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىپ، ئىككى تىپلىق دىيابېت خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئىككى تىپلىق دىيابېت بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز.

 2

 ئىنسۇلىن ئۇرۇش توختاپ قالسا بولمامدۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال

 قىسمەن بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئىنسۇلىننى توختىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ، لېكىن قىسمەن بىمارلار يەنە دورا ئىچىشكە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

 تەھلىل

 بىر تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇنى توختىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ، بۇنى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

 ئىككى تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى β ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقى بىر قەدەر يېنىك بولسا، يېمەك- ئىچمەك ۋە ھەرىكەتنى قاتتىق كونترول قىلالىسا، ئىنسۇلىننى باسقۇچلۇق ئازايتىپ، ئىچىدىغان دورىغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق باھالاشقا بولىدۇ.

 ● كۈندىلىك ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياج ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 0.25 بىرلىكتىن تۆۋەن بولۇش.

 ● تاماق يېمىگەن ھالەتتە قان شېكىرى 6.1mmol/Lدىن تۆۋەن، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى 78mmol/Lدىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن (HbA1c) 6.5%تىن تۆۋەن بولۇش.

 ● ئىنسۇلىننى توختاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاساسىي سەۋىيەسى نورمال بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە گلۇكاگوننىڭ غىدىقلىشىدىن كېيىن، C پېپتىد سەۋىيەسى ئاساسىي سەۋىيەدىن %50 ئېشىپ كېتىش.

 ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان چاغدىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى توختىتىدىغانلار بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.

 3

 ئاساسلىق تاماقنى قانچە ئاز يېسە قان شېكىرىنى شۇنچە ياخشى كونترول قىلغىلى بولامدۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال

 ئۇنداق ئەمەس، ئاساسلىق تاماقنى بەك ئاز يېگەندە ھاياتقا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

 تەھلىل

 دىيابېت بىمارلىرى ھەقىقەتەن ھەر ۋاقلىق ئاساسلىق تاماقنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىشى، ئاساسلىق تاماقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە ئاساسلىق تاماقنىڭ سۈپىتىنىمۇ كونترول قىلىشى كېرەك. ئامال بار شېكەر ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى، مەسىلەن، كۆممىقوناق، قارا گۈرۈچ، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاللىشى، قان شېكىرى مۇقىم بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 200 - 300 گىرام ئاساسلىق تاماق يېيىشى كېرەك.

 ئاساسلىق تاماق ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، يېگەن ئاساسلىق تاماق بەك ئاز بولۇپ قالسا، دىيابېت بىمارلىرىدا ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەش يۈز بېرىدۇ؛ ئادەم بەدىنى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى ساقلاش بىلەن بىللە سۇ ساقلايدۇ، يېگەن ئاساسلىق تاماق (كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى) بىر قەدەر ئاز بولسا، سۇسىزلىنىش خەتىرىمۇ ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلېكترولىتمۇ قالايمىقانلىشىدۇ؛ ھەمدە كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى بىر قەدەر ئاز بولغاندا ئادەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماينى پارچىلاپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېتون كېسىلىدىكى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.

 بۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەر دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.

 4

 ياشلار دىيابېت بولمامدۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال

 ئۇنداق ئەمەس، دىيابېت ياش قاتلىمى «تاللىمايدۇ».

 تەھلىل

 دۆلىتىمىزدىكى بىر تىپلىق دىيابېت بىمارلىرى ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسىم بىمارنىڭ يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدىكى 15 ياشتىن تۆۋەن بىر تىپلىق دىيابېتنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆتكەن 20 يىلدا تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

 ئىككى تىپلىق دىيابېت بىمارلىرى ئىچىدە ياشلارنىڭ دىيابېت بولۇش نىسبىتى ئوخشاشلا ئاشماقتا، ياشلارنىڭ ئىككى تىپلىق دىيابېت بولۇش خەتەر ئامىللىرى: قەنت تەركىبى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى، ئېنېرگىيە مىقدارى يۇقىرى غىزالىنىش ئادىتى، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلى، روھىي بېسىمنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە جەمەت ئىرسىيەت ئامىللىرى.

 5

 پەقەت سېمىز ئادەملەرلا دىيابېت بولامدۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال

 ئۇنداق ئەمەس، ئورۇق ئادەملەرمۇ دىيابېت بولۇپ قالىدۇ.

 تەھلىل

 گەرچە سېمىزلىك دىيابېتنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولسىمۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرمۇ دىيابېت بولىدۇ، بىرىنچىدىن، بەدەن ئېغىرلىقى بەدەندىكى ياغنىڭ تارقىلىشىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بەزىلەرنىڭ بەدىنى بىر قەدەر ئورۇق، لېكىن ئىچكى ئەزالىرىدىكى ياغ بەدەندە «ئەسەبىيلەرچە» ئۆسۈپ كەتكەن بولىدۇ؛ ياكى ئۆزى ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېتابولىزمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دىيابېت بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى بىمارلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى سېمىزلىك / ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بىمارلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ «سېمىزلىك پارادوكسى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، ئەمما دىيابېت بولۇش كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ ئېغىر بولغان مېتابولىزم مەسىلىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بۇ نەزەرىيە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بەدەن شەكلى نورمال كىشىلەرمۇ دىيابېتتىن ئىبارەت بۇ كېسەلگە سەل قارىماستىن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشى كېرەك، دېگەنلىك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125