11- ئاينىڭ 20- كۈنى «جۇڭگو يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش كۈنى». يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (قىسقارتىلىپ يۈرەك تىقىلمىسى دېيىلىدۇ) ھاياتلىققا تەھدىت سالىدىغان بىر خىل جىددىي كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى ياشانغانلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگودا قېرىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2002- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (AMI) بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلاردا شەھەرلەرنىڭكىدىن سىجىل يۇقىرى بولغان.
02
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىش ئالدىدىكى بېشارەتلىرى، كېسەللىك ئالامەتلىرى
ئادەتتە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق بېشارىتى يوق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بىر قاتار بېشارەتلەرنى، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېرىلگەن سىگناللارنى بالدۇر پەرقلەندۈرۈپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنسە، ئەجەللىك ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
01
كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش
ئالدى بىلەن، كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بېشارەتلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقى كېسەل قوزغىلىشتىن بۇرۇن كۆكرەك قىسمى بېسىلغاندەك، چىڭقىلىپ ياكى تېلىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇنداق بىئاراملىق بىر نەچچە مىنۇت داۋاملىشىشى ياكى تەكرار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
قاتتىق ئاغرىققا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بولۇپمۇ ئاغرىق بەرداشلىق بېرەلەيمەن دەپ قارىغان ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىسى دەپ قارىغان ۋاقىتتا بۇ بىئاراملىقلارغا بەزىدە سەل قاراپ قالىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ، تاجسىمان ئارتېرىيەگە قان ئېقىپ كىرىش چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىشىشى ياكى ئارام ئالغاندا پەسىيىشى مۇمكىن.
02
بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمى ئاغرىش ياكى بىئارام بولۇش
ئۇنىڭدىن قالسا، بەدەننىڭ يۇقىرىقى يېرىمى ئاغرىسا ياكى بىئارام بولسا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئاغرىشى ھەمىشە كۆكرەك قىسمى ئاغرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەزىدە مۈرە، بىلەك، دۈمبە، بويۇن ياكى ئېڭەك، بولۇپمۇ بەدەننىڭ سول تەرىپى ئاغرىيدۇ. بۇنداق ئاغرىق جىددىي خاراكتېرلىك قاتتىق ئاغرىققا ئوخشىمايدۇ، تارقالغان بۇ ئاغرىق يېنىك ئاغرىش ياكى تېلىپ ئاغرىش بولۇپ، ئاغرىق كىشى «مۇسكۇللار زورۇقۇپ ئاغرىۋاتقان ئوخشايدۇ ياكى ھەزىم قىلىش ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ» دەپ ئوڭايلا خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ.
03
نەپەس تېزلىشىش
نەپەس تېزلىشىشمۇ يەنە بىر مۇھىم كېسەللىك ئالامىتىدۇر. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشنىڭ ئالدىدا، بەزى كىشىلەر بەلگىلىك ھەرىكەت قىلمىسىمۇ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ، ھەتتا كۈچەپ نەپەسلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش بىلەن بىللە كېلىدۇ ھەمدە دەم ئالغاندا ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئۇخلاش ئۈچۈن تۈز ياتقاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
04
ھەزىم قىلىش يولى بىئارام بولۇش
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەزىم قىلىش يولى بىئارام بولۇشمۇ يوشۇرۇن سىگناللارنىڭ بىرىدۇر، بۇنداق ئەھۋال بولۇپمۇ ئايال ئاغرىقلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان ئوتتەك قىزىش ياكى قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئوڭايلا ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە يۈرەككە قان ئېقىپ كىرىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ تاجسىمان ئارتېرىيە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىكرو قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ھېسابلىنىدۇ.
05
تۇيۇقسىز قاتتىق چارچىغاندەك ياكى ئاجىزلاپ قالغاندەك ھېس قىلىش
تۇيۇقسىز قاتتىق چارچىغاندەك ياكى ئاجىزلاپ قالغاندەك ھېس قىلغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. نۇرغۇن ئاغرىق يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان پۈتۈن بەدەنلىك ھارغىنلىقنى باشتىن كەچۈرىدۇ، يېنىك ھەرىكەت قىلسىمۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ، بۇنداق ھارغىنلىق نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئاياللاردا تېخىمۇ شۇنداق، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى بىر نەچچە ھەپتىدە بۇنداق ئالاھىدە چارچاشنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
06
سوغۇق تەرلەش، باش قېيىش ۋە يۈرەك سېلىش
ئاخىرىدا، ئاۋتونومىك نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن سوغۇق تەرلەش، باش قېيىش ۋە يۈرەك سېلىش قاتارلىق سىگناللار دائىم بېرىلىدۇ، يۈرەك تىقىلمىسى قوزغىلىش ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇنداق سوغۇق تەرلەش كۆپ ھاللاردا كەيپىيات جەھەتتىكى خاتىرجەمسىزلىك ياكى «ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقاندەك تۇيغۇ» بىلەن تەڭ كەلگەچكە، ئاغرىق كىشى بەلكىم ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىشى، ھەتتا ساراسىمىگە چۈشۈشى مۇمكىن.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ بېشارەتلىرى، ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئىپادىلىرى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە ياشانغانلاردا تىپىك بولمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بەدەندە كۆرۈلگەن بۇ سىگناللارغا سەل قارىماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ، بۇرۇن يۈرەك كېسىلى خەۋپ- خەتەر ئامىلى كۆرۈلگەن ئەھۋال بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)