كۈندە بىر رەددىيە | تۇخۇم سېرىقىنى يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
11:53:23 2024-11-21 تىيانشان تورى

 

 تۇخۇم سېرىقىنى يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

 خاتا چۈشەنچە.

 گەرچە تۇخۇم سېرىقىدا خولېستېرىن بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قان خولېستېرىن سەۋىيەسىگە بولغان تەسىرى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىن سەۋىيەسى ھەرگىزمۇ بىرلا خىل يېمەكلىك تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدىكەن، بەلكى ئاساسلىقى جىگەرنىڭ بىرىكىشى ۋە بىر پۈتۈن يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. كۆپ قىسىم ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇخۇم سېرىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئەكسىچە، تۇخۇم تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن B توپى، ۋىتامىن D ۋە لېتسىتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. ئاز ساندىكى خولېستېرىن مېتابولىزمى بىنورمال بولغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشى (تۇخۇم سېرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېرەك. لېكىن ساغلام كىشىلەر توپى ھەر كۈنى 1- 2 دانە تۇخۇم ئىستېمال قىلسا بىخەتەر بولىدۇ، خولېستېرىندىن ئەنسىرەپ تۇخۇم سېرىقىنى پۈتۈنلەي يېمەسلىكنىڭ ھاجىتى يوق. يېمەك- ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، تويۇنغان ياغ ۋە تەتۈر ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125