شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى
19:31:30 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، چېن ۋېيخۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى.

 باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2- باسقۇچلۇق يىغىنىدا «يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئاپپاراتى ئىسلاھاتى» قارالمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلغاندا، شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى 16 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، داۋاملىق تۈردە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، تارىخىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ بولۇشى كېرەك. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ قاراپ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنى رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ دەپ بىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

 بىرىنچى، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. يەر شارىۋى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرىدىغان «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بەرپا قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىش بولمىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ، چىرىكلىشىشكە قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل- زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

 ئىككىنچى، يەرشارىۋى پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىق تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تاشما تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

 ئۈچىنچى، يەرشارىۋى سودىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇش، يەرشارىۋى بازارنى سۈنئىي ئايرىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش نامى بىلەن قورۇقچىلىقنى يولغا قويۇشتىن ساقلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ باراۋەر، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىجادىي بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 تۆتىنچى، يەرشارىۋى رەقەملىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە قائىدە تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە خەلقئارا ئىدارە قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 2025- يىلى دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

 بەشىنچى، يەرشارىۋى ئېكولوگىيەنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى سۆيۈش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش كېرەك. ئورتاق، لېكىن پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە «كۇنمىڭ −− مونترېئال يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زۆرۈر مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، چۆللىشىش بويىچە ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەدەت بېرىشى كېرەك. ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا سىلىق، تەرتىپلىك دەسسىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق، يېشىل قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇربى يېتىدىغان دائىرە ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشمۇ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 20 دۆلەت گۇرۇھى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىشى كېرەك. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېزدىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايونلاردىكى ئىنسانپەرۋەرلىككە يات كىرىزىسلارنى تۈگىتىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىندىكى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىلدۈردى: بىز 20 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، رىئودې ژانېيرودىن يەنە يولغا چىقىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئاچايلى!

 بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125