شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى
19:37:41 2024-11-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چياۋ جىخۇڭ، لياۋ سىۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ سېنباۋۇمنىڭ مېكسىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013- يىلى مەن مېكسىكىدا زىيارەتتە بولغان، شۇ قېتىمقى زىيارەت مەندە چوڭقۇر ھەم ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغانىدى. جۇڭگو- مېكسىكا ئىككى دۆلەت ئۇزاق دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو- مېكسىكا ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى ماس كېلىدۇ، ئوخشاشلا ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

 سېنباۋۇم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن سىزنىڭ بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھايىڭىزنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. مېكسىكا- جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق. نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى مېكسىكىدا كەسىپلەرنى قانات يايدۇردى، جۈملىدىن مېكسىكا شەھىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ مېكسىكا دەھشەتلىك بورانغا ئۇچراش قاتارلىق قىيىن پەيتلەردە زور كۈچ بىلەن سەمىمىي ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھچىسى. مېكسىكا- جۇڭگو ئىككى تەرەپ بىردەك كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مېكسىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

 سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125