30 يىل بۇرۇنقى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شائىر دوستۇمنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن لۇشى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئىچكىرىسىگە باردىم، دوستۇم تۇرۇۋاتقان ناھىيەگە يېتىپ بارغىنىمدا كۆز باغلىنىپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغانىدى، ئۇ تۇرۇۋاتقان كەنتكە بېرىش ئۈچۈن يەنە 30 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈشۈمگە توغرا كەلگەچكە، مېھمانخانىدىن بىر ۋېلىسىپىتنى ئىجارە ئالدىم.
ناھىيە بازىرىدىن چىقىشىمغىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، بۇ مېنىڭ قاراماي ياتقۇزۇلمىغان يېزا يولىدا تۇنجى قېتىم مېڭىشىم ئىدى. جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولغاچقا، ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالغانىدى، كۆجۈم مەھەللىلەر خۇددى كىچىك ئاراللار كەبى تۈزلەڭلىككە تارىلىپ كېچە قوينىغا سىڭىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. كۆپكۆك ئاسمان كېچىنى كۆكۈچ رەڭگە چۆمدۈرگەنىدى، مەن يېزا يولىدا مېڭىپ كۆۋرۈكلەردىن ھەم بۈككىدە ئورمانلىقتىن كېسىپ ئۆتتۈم، كۈز كېچىسىدىكى سەھرادا، ئېچىغان قوناق شېخىنىڭ پۇرىقى ۋە ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى پۇرچاق يوپۇرماقلىرىنىڭ چىرىگەن پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى، يەنە يېڭىلا ئۇرۇق سېلىنغان بۇغداي ئېتىزىدىن توپىنىڭ ھىدى كېلەتتى. ئېتىزلىقلاردا يەنە كېۋەز، قوناق ۋە خۇڭشۇ دېگەندەك زىرائەتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تېخى يىغىۋېلىنمىغان بولۇپ، بۇ زىرائەتلەر كىشىگە ئارزۇ- ئۈمىد ۋە تەقەززالىق تۇيغۇسى بېغىشلايتتى ...
كېچە بارغانسېرى قاراڭغۇلۇققا چۆمدى، ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى، مېنى ئازراق قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى، ناۋادا بىرەر ھايۋان يۈگۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ياكى بىرەرسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، بۇلار ماڭا زور تەسەللى بولار ئىدى.
يېزا يولىنى تۈگىتىپ، يەنە ئىككى قاسنىقىدا قوناق، كېۋەز ۋە خۇڭشۇ ئۆستۈرۈلگەن بەش چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى تار چىغىر يولنى بېسىشىم كېرەك ئىدى، بۇ زىرائەتلەر چىغىر يولنى تېخىمۇ تارايتىۋەتكەن بولۇپ، بەزى خۇڭشۇ پېلەكلىرى تاكى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە سوزۇلغانىدى. يولنىڭ ئىككى قېتىدا چاتقال، قىياق دېگەندەك ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ كەتكەنىدى، يەنە چوقچىيىپ تۇرغان توپا دۆۋىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلار دۈمچەك- دۈمچەك قەبرىلەر ئىدى، يىراقتىن بىر پارچە ئورمانلىق قارىيىپ كۆرۈندى. مەن بەئەينى يولى ئۈزۈلۈپ قالغان تۇلپارغا ئوخشاش تەشۋىش ئىلكىدە ۋېلىسىپىتنى توختاتتىم، خۇددى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇشقا باشلىدىم، ئەجەبا مەن يولنى خاتا مېڭىپ قالغاندىمەنمۇ؟ بۇ چاغدا ئېتىزدىن تارالغان نەمخۇش ھاۋا زىرائەتلەر ۋە چاتقال- قىياقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ بەدىنىمگە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى.
توساتتىن كۆز ئالدىم يورۇغاندەك بولدى، ئەسلىدە ئاي كۆتۈرۈلۈپ ئەتراپنى نۇرغا چۆمدۈرگەنىدى، ئاي نۇرى خۇددى قارغا ۋە ئاپئاق تۇز دانىچىلىرىغا ئوخشاش ئېتىزلىق ئارىسىدىكى بۇ چىغىر يولنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئاي نۇرى كۈمۈش رەڭ ۋە تۆمۈر كۆكى رەڭدە كۆرۈنەتتى، بۇ چاغدا يىراقتىن ئىسمىمنى چاقىرغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە يىراقتا قارىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغىنى ئورمانلىق بولماستىن، بەلكى دوستۇمنىڭ ئۆيى جايلاشقان داسوجۇاڭ كەنتى ئىكەن. ئاي نۇرىدا چىغىر يول خۇددى ئارغامچىغا ئوخشاش بۇ كەنتكە تۇتىشىپ تۇراتتى، يول ئېگىز- پەس بولغاچقا، ئۆيلەر، دەرەخلەر، تۇرخۇنلارنىڭ ئىزناسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇراتتى.
ئاي نۇرى ئاستىدا كۆرۈنگەن ھېلىقى كىشى دەل مېنىڭ دوستۇم ئىدى، قولىدا تېخى قولچىراغ بار ئىدى.
قولچىراغنىڭ نۇرى بىلەن ئاي نۇرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ماڭا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئارتۇقچە بىلىنمىدى. دوستۇم ۋە ئۇنىڭ بالىسى مېنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. «بۇ قەدەر گۈزەل كېچە كىشىگە ھەقىقەتەن ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن ئەمەسمۇ، ناۋادا ئۇخلاپ قالساق، بۇ گۈزەل كېچە مەنزىرىسىنى كۆرەلمەي قالاركەنمىز»، دېدى دوستۇم ماڭا.
مەن دەل شۇ چاغدىلا دوستۇمنىڭ گۈزەل كېچە توغرىسىدىكى بۇ سۆزىنى ئېسىمدە ساقلىۋالدىم، كېيىن مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئىشقا تەتبىقلىدىم، بەزى شەيئىلەر ۋاقتى- سائىتى كەلمىگۈچە بىلىپ-بىلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، خۇددى نادانغا تەربىيە كار قىلمىغانغا ئوخشاش، كۆرگىلى بولمايدىغان مەۋھۇم بوشلۇقتا يوقىلىپ كېتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، گۈزەل مەنزىرىلەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ھەم كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلار بىزنى جىمجىتقىنا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ قانچىلىغان گۈزەل كېچىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم، بەزىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويدۇم.
گۈزەل كېچىلەر نېمە سەۋەبتىن كىشى قەلبىدىكى ئىللىق تۇيغۇنى ئويغىتالايدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم. ئاللىقاچان ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئاشۇ خىل گۈزەللىك كۆز ئالدىمىزدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغىنىدا، ھەيران بولغىنىمىزدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىمىز، ھەتتا نەپىسىمىزمۇ توختاپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ، قەلبىمىزگە ئىللىق بىر ئېقىم تارىلىپ، ھەتتا ئۇيىلىمىز، ئاندىن مېھىرلىك كۆز يېشى قىلىمىز.