ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، جەمئىي 6 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇنغان.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت ھەم ئۆي بېزەكلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ. پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 11 مىڭ ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ئىلتىماسى، 30 مىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 41 مىڭغا يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 220 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، 3038 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئۆي بېزەكلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 7272ى «يېڭىلانغان». بۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسلىرى ئىستېمال بازىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يېشىل ئىستېمال ۋە ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولغان.
11- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنىدا، ئىستېمالچى كىرئالغۇ تاللىماقتا. ياڭ چياۋيى فوتوسى
ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا يېقىندا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى توردا سېتىش يولى رەسمىي ئېچىلدى. ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ ئەپ دېتالىغا چىقىپ ياردەم پۇلى ئالسىلا، تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ. ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان %15 ياكى %20 ياردەم پۇلى سىياسىتى بويىچە، ھەر بىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەكلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق «1 + 6» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى سىستېمىسى ئورنىتىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى يۈرۈشلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ياردەم پۇلى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاجرىتىش تەرتىپىدە كۈندىلىك ھېساباتنى شۇ كۈنى تۈگىتىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىلسە دەرھال ئاجرىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىمۇ سىياسەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا دائىر بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ۋە بىر پونكىت شەكلىدە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە ئۆي بېزەكلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» پائالىيىتى يولغا قويۇلۇپ، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان تۈر 49گە يېتىپ، ھەر بىر تۈرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەنگە يەتتى. بۇ تەدبىر ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، پۈتۈشۈش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.
«بىز ھازىر ھەقسىز ئۆلچەپ، ھەقسىز لايىھەلەپ، ھەقسىز ئۈنۈم سۈرىتى چىقىرىپ بېرىمىز، يەنە مالنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز». شىنجاڭ سامىتې قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئائىلە بېزەكچىلىكى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئېتىبارلار ئاساسىدا، ئىستېمالچىلار يەنە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي پۈتۈشۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %60تىن ئاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)