بەزى شىركەتلەر ھەر خىل ناملار بىلەن ھەق ئالىدۇ، بۇ تىپىك «قالايمىقان ھەق ئېلىش» قىلتىقى، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە چۈشۈشتە پۇل تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ!
«قالايمىقان ھەق ئېلىش» ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەت نامى بىلەن تىزىملىتىش ھەققى، كىيىم- كېچەك ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، گۆرۈ پۇلى، ئىش ئورنى مۇقىملىق پۇلى، ماتېرىيال تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا، ئالدى بىلەن ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار خىزمەت تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن ھەق ئالىدۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەندە، قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشىنى رەت قىلىدۇ ياكى يېرىم يولدا ئىشتىن بوشىتىدۇ.
يەنە بەزى ئاپپاراتلار خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يۇقىرى مائاشلىق كەسىپ پراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بېرىدۇ، لېكىن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر چوقۇم مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
دىققەت:
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا ھېچقانداق ھەق كەتمەيدۇ، ئاۋۋال تىزىملىتىش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش شەرت قىلىنغان تەكلىپ قىلىش يۈز تۇرا ئىمتىھانىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
خىزمەتكە چۈشۈپ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ھەق تاپشۇرۇش كېرەكمۇ؟
خىزمەتكە چۈشۈشتە ئادەتتە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر A2 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتسە بولىدۇ، مۇنتىزىم ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى ۋاكالىتەن ئالمايدۇ.
كەڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى:
تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قانۇنلۇق، توغرا، ئىناۋىتى ياخشى ئۇچۇر يوللىرى ئارقىلىق ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش كېرەك، جايلاردىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، ئاممىۋى تەكلىپ قىلىش تور بېكەتلىرى، شۇنىڭدەك سەمىمىيەت دەرىجىسى يۇقىرى، تىجارىتى قېلىپلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تەكلىپ قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر بەلگىلىك جەمئىيەت تەجرىبىسى بار ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئاڭلاش كېرەك.
ھوقۇققا چېقىلىش ئەھۋالىغا يولۇققان ھامان 12333كە تېلېفون بېرىڭ ياكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا بېرىپ ئەرز قىلىڭ ۋە پاش قىلىڭ. ئەگەر جىسمانىي بىخەتەرلىكىڭىز تەھدىتكە ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال گۇڭئەن تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىڭ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)