لىن لىيەن
باھار كېلىپ كۈن ئىللىغان چاغدا، مەن بىر ئالاھىدە سوۋغات، يەنى پىروفېسسور گو شۇتيەننىڭ «كىشىلىك ھايات پەلسەپەسى مۇلاھىزە ماقالىلىرى توپلىمى» دېگەن كىتابىنى تاپشۇرۇۋالدىم. كىتابنىڭ تىتولىغا: «لىن مۇئەللىمنىڭ كۆرۈپ كۆرسەتمە بېرىشىنى سورايمەن، گو شۇتيەن، 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى»، دېگەن بىر جۈملە سۆز يېزىلغان ئىكەن. مەن، ياش ئەۋلاد، بىر كىچىك ئوقۇتقۇچى، مەندە بىر پېشقەدەم پىروفېسسورنىڭ ئەسىرىگە «كۆرسەتمە بېرىدىغان» پەزىلەت ۋە ئىقتىدار نەدە تۇرۇپتۇ؟ بەلكىم، پەقەت ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ساقلىساملا، ئاندىن پېشقەدەم پىروفېسسورغا مىننەتدارلىقىم ئەڭ ياخشى بىلدۈرگەن بولارمەن.
پىروفېسسور گو شۇتيەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئاكىسى بولۇپ، 93 ياشقا كىرگەن ئىدى. گو پىروفېسسور بىلەن قانداق «تونۇشقانلىقىم»نى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
خىزمىتىم سەھرادىن بازارغا يۆتكەلگەن دەسلەپكى بىر- ئىككى يىلدا مەن نىشانىمنى، چىقىش يولۇمنى تاپالمىدىم، خىزمەتتە توختىماي توسالغۇغا ئۇچرىدىم، تۇرمۇشۇم قەدىرئەھۋال ئۆتتى، يەلكەمدىن بېسىپ تۇرغان غايەت زور روھىي بېسىمنىڭ قىينىشى بىلەن مەن نەچچە قېتىم خىزمەتتىن ئايرىلىپ كەتكىلى تاس- تاس قالدىم.
ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇزاقتىن بۇيان تاشلاپ قويغان قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ، ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىقنى قايتىدىن باشلىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، پىغانىم سۇسلاشتى، ئاغرىقىم پەسەيدى، زەردەم قويۇپ بەردى، قايغۇ- ھەسرىتىم تارقىلىپ كەتتى، مەن ھاياتىمدىكى يەنە بىر قېتىملىق چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن قىرغاققا چىقتىم.
شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، گەرچە خىزمىتىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، تۇرمۇشۇم ئىزىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىق قىلىش ھەۋىسىمنى تاشلىيالمىدىم. پات- پات ئۆزۈمنىڭ مەشىق ئەسىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ تەنقىد، كۆرسەتمە بېرىشى ئۈچۈن دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقىرىپ تۇردۇم. خىزمەتدىشىم گو مۇئەللىم مېنىڭ يازمىلىرىمغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر دوستۇم ئىدى.
بىر قېتىم ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا، گو مۇئەللىم: «مېنىڭ بىر ئاكام بار، 80 نەچچە ياشقا كىرىپ قالدى، مەن سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىۋىدىم، ئۇنىڭغا بەكلا يېقىپ كەتتى، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، ئاكام مەندىن، يېقىندىن بۇيان شياۋلىننىڭ ماقالىلىرى چىقماس بولۇپ قالدىغۇ، دەپ سورىدى»، دېدى.
ئويلاپ باقماپتىمەن، ئادەتتىكى يېزىقچىلىقىم ھېچقاچان يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر بوۋاينى تەلمۈرتۈپ قويۇپتۇ. نەزەرگە ئېلىنغىنىمدىن دەماللىققا ھوشۇمنى يوقاتقاندەكمۇ بولدۇم، يەنە ساراسىمىگىمۇ چۈشتۈم.
رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى بوۋاينىڭ «چۈشەنگىنى»گە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كېيىنكى كۈنلەردە، بەزى ژۇرنال ياكى يېڭى تاراتقۇلاردا يازما ئېلان قىلساملا، مەن يازمىنى ئەڭ ئالدى بىلەن خىزمەتدىشىم گو مۇئەللىمگە يوللاپ بېرىپ، ئۇنىڭ بوۋايغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى سورىدىم.
گو مۇئەللىم ماڭا ۋېيشىندا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ، بۇ، ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىسى ئىكەن. خاتىرىدە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى ئوقۇدۇم: «<بىر قاچا ئاچچىق- چۈچۈك شورپا> بىر پارچە ياخشى ماقالىكەن، شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، يەنە شەھەرلىك گېزىتتە ئېلان قىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كىچىك ناھىيە بازىرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تۇرغان لىن مۇئەللىم ياخشى ئىدىيەگە ھەم ياخشى يېزىقچىلىق ئاساسىغا ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ مائارىپ سېپىدە تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن».
بۇ بىر ئابزاس سۆزنى دەسلەپتە ئوقۇپ تەسىرلەندىم، قايتا ئوقۇپ مىننەتدار بولدۇم، ئۈچىنچى قېتىم ئوقۇپ روھلاندىم. گو پىروفېسسور بىلەن مەن بىر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدۇق. ئۇ ماڭا ئوخشاش ناتونۇش كىشىنى، بىر نەچچە پارچە ماقالەمگە ئاساسلىنىپلا بىرمۇنچە ماختاپتۇ. بۇ، مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر مويسىپىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ماڭا ئوخشاش ياش ئەۋلادقا مۇشۇنداق گۈزەل ئۈمىدلەرنى باغلاپتۇ، بۇ، مېنى ھاياجانغا سالدى.
قىلچە يوشۇرماي ئېيتسام، خىزمەتكە قاتناشقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاغرىنىپ باققان ۋاقتىم بولدى، بوشاڭلىق قىلغان ۋاقتىم بولدى، نېمە بولسام بولارمەن دېگەن خىيالنى قىلغان ۋاقتىممۇ بولدى. بىراق، مەن بىر- بىرىدىن مەنىسىز بىلىنىدىغان كۈنلەردە ناتونۇش بىر پېشقەدەم پىروفېسسورنىڭ ياقتۇرۇشىغا، ناتونۇش بىر بوۋاينىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكىنىمدە، جىم تۇرالمايۋاتقان قەلبىم ئاستا- ئاستا تىنچلىنىشقا باشلىدى، مەن خىزمىتىمگە قايتىدىن زەن سېلىشقا، تۇرمۇشۇمغا قايتىدىن ئېتىبار بىلەن قاراشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا: «ياخشى ئوقۇتقۇچى، نۇرلۇق ئادەم بولىمەن»، دېگەن ئۇلۇغۋار ئارزۇنى پۈكتۈم.
«ياخشى سۆز قىشنى ئىللىتىدۇ». گو ئاقساقالنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى خۇددى 3- ئايدىكى باھار شامىلىدەك ھاياتىمدىكى غورىگىللىكنى تارقىتىۋەتتى. خۇددى ئىللىق چىراغقا ئوخشاش، ئاياغ ئاستىمدىكى يولۇمنى يورۇتتى. رەھمەت سىزگە، گو ئاقساقال.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ئىچكى موڭغۇل ئوردوس شەھىرى جۇڭغار خوشۇنى 9- ئوتتۇرا مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)