بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھىرى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى
09:18:33 2024-11-23 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشتى

 قومۇل ياخشى جاي \ قومۇل گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلارۋاڭ شۈەن، داڭ ۋېنچېڭ) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھىرى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتتى، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشقان.

 يېقىندا، بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى. بۇ تۈرگە 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30.52 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىقى بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەلىك كەسپىي بىناسى سېلىنىدۇ.

 بۇ تۈرنىڭ دىرېكتورى جاڭ جېنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە بۇ يىل 4- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى قوپۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىنا قەۋەتلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش تېمىنى قوپۇرۇش ۋە گورىزونتال لىم، قۇرۇلما تۈۋرۈكى، ئۆتۈشمە لىم قاتارلىقلارنىڭ قېلىپىنى ئورنىتىش ۋە بېتون قۇيۇش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

 «كېلەر يىلى پىلان بويىچە قۇرۇلۇشنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، مەشغۇلات خادىملىرىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، كۆپ ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جاڭ جېنلى.

 بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بىڭتۇەن 13- شى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

 شۇ كۈنى، شىنشىڭ شەھىرى شىڭياۋ مەيدانى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، 300دىن ئارتۇق ئىشچى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتاتتى.

 «بۇ تۈردە بۇ يىل 7- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە 5- نومۇردىن 10- نومۇرغىچە بولغان بىنالارنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، كېلەر يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلاندى» دېدى بۇ تۈرنىڭ دىرېكتورى تاڭ كەي.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈردە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، مال سېتىۋېلىش، ئارام ئېلىش، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنشىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك، بىر پونكىت شەكلىدىكى ئىستېمال توپلاشقان جايغا ئايلىنىدىكەن.

 «بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 460تىن ئارتۇق سودىگەر ماكانلىشىپ، 20 مىڭ كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ھەم شۇ جايىنى 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى شىنشىڭ شەھىرى شىڭياۋ ئۆي- مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ زىجۈن.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنشىڭ شەھىرى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى قەرەللىك ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى ھەم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى «تىزىملىكلەشتۈرۈپ» باشقۇردى. 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈرلەر، رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، تۈر مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تېزلىتىپ، «بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بىڭتۇەننىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرغان تۈرى 26 بولۇپ، 24 تۈردە ئىش باشلاندى؛ شىنشىڭ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرغان تۈرى 41 بولۇپ، 38 تۈردە ئىش باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125