سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى
19:36:18 2024-11-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم يوپۇق ئاچتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى شى دەي يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە كارخانىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

 سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى ھەمكارلىشىپ، ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى، ئۆلچەش- سىناش تەتقىقات ئورنى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش- تەتقىق قىلىش ئورنى، تالا، توقۇلما بۇيۇملار سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزىدىن ئىبارەت تۆت تەكشۈرۈش- ئۆلچەش كەسپى ئورنىنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ياكى كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىپ تەشكىللەش ئارقىلىق قۇرغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك IQN (دۆلەت سۈپەت ئۇل ئەسلىھەسى)نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ۋە مەركەز كارخانىسى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقى ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى.

 ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى. كارخانىنىڭ بايلىق ۋە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقئارالاشقان نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، بېكىتىشتىكى باش كارخانا بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ داۋاملىق تۈردە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 شى دەي سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىنى، خاس ئەۋزەللىك يارىتىشىنى، كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز. كارخانىنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بازىرىنى پائال كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «سودىگەر چاقىرىش كۈچى»نى قوشىدۇ.

 پائالىيەت مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم شىنجاڭ سودا ئەشىيا ئوبوروتى گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، بېكىتىش چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات، باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، تەجرىبىخانىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە بولغان رولى زور. بۇ قېتىمقى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باشقۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ھەم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭدىكى كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بازار ئېچىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كارخانىلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125