18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى باشلاندى
03:39:17 2024-11-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ)  11- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلدى) ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدا «قار- مۇز يىپەك يولى. بىزنىڭ شىنجاڭ» باش تېما قىلىنىپ، قار- مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، قىشلىق ئىستېمال ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەت بىلەن تەنتەربىيە، تەمىنلەش بىلەن ئىستېمال، بايرام تەنتەنىسى بىلەن مۇسابىقە، پەن- تېخنىكا بىلەن جابدۇقتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇنىدۇ. قازاقىستان، مالايسىيا قاتارلىق ئون دۆلەتتىن كەلگەن كۆرگەزمە سودىگەرلىرى ھەمدە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 400دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

17- نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بايلىقى ۋە قار- مۇز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى يېڭىلىق يارىتىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قار- مۇز نۇقتىلىقIPسى. بۇ يىللىق ئىللىق قار بايرىمىنىڭ يادرولۇق مۇسابىقىسى «FWT دۇنيا تەبىئىي قار سەييارە مۇسابىقىسى» جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى كۇلۇبلاردىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، 18 تۈرلۈك ئاساسلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەت ۋە 222 تۈرلۈك قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز بايلىقىغا قويۇپ، قار- مۇز مەھسۇلاتلىرى كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، قار- مۇز ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ قار- مۇز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا قار- مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. «قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، قار- مۇز ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، مەمتىمىن قادىر، سۈن خۇڭمېي، باتۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125