كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۇرمۇشنىڭ «يېڭىلىنىشى»نى تېزلەتتى
10:05:31 2024-11-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  يۆ يەنيۈن

يېقىنقى مەزگىلدە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بىلەن «قوش 11 پائالىيىتى» قوشۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. سىياسەت بىلەن پائالىيەتنىڭ قوش تۈرتكىسىدە، 11- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۈرتكە بولغان جەمئىي ئىستېمال سوممىسى 6 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى. يارقىن سانلىق مەلۇماتلار ھەم ئىستېمالنىڭ جانلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەم بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىر ئۇچى ماكرو ئىقتىسادقا تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى ھەممە ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ «يېڭىلىنىشى»نى تېزلەتتى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلدى. بىزنىڭ كونا بۇيۇملارغا ئالماشتۇرغىنىمىز ئادەتتىكى مەنىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش، تېخىمۇ مۇھىت قوغدايدىغان بولۇش، تېخىمۇ خاسلاشقان بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە يېڭى مەھسۇلات. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، توك سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان توڭلاتقۇ، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، تېخىمۇ ساغلام بولغان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ھەممە ئائىلىگە كىرمەكتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ رەڭدار تۈس قوشتى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۇرمۇشنىڭ «يېشىل تۈس»ىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. تېخىمۇ يېشىل بولۇش نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە، ئىستېمالچىلارنىڭ تيەنماۋ تورى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىدە، ھېسابلاش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ تېجەپ قېلىنغان كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى 72 مىڭ توننىدىن ئاشقان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق بولۇشتىن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تۇرمۇشتىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى تېخىمۇ ئازايتتى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىدىغان، پارتلاپ كېتىدىغان ۋەقەلەر پات- پات يۈزبەردى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىرىشىدىن كېلىپ چىققان. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كونىراپ كەتكەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقا- ئارقىدىن شاللىۋېتىلىپ، يىغىۋېلىنىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەر تەبىئىيلا ئازايدى.

ئائىلە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەڭ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەلا تەدبىرلەر ئارقىلىق پۇقرالارنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىققا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى «يېڭىلاش»، ئاپتوموبىلنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش مۇقەررەر ھەممە ئائىلىنى گۈزەل يېڭى تۇرمۇشتىن تولۇق بەھرىمەن قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125