ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى) 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، 2024- يىل − 2025- يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش- ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قار- مۇز ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «ئەڭ ئىللىق چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت مەنزىلگاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ يەردە قار مەزگىلى بەش ئاي بولۇپ، قار- مۇز ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خىيالىي «توزغاق قار» شادلىق باغچىسى بەرپا قىلىندى. قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش»، «قار- مۇز مەدەنىيىتى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش»، «قار- مۇز مۇسابىقىلىرىدە قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش»، «قار- مۇزدا مەززىلىك تائاملىرىدىن بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 42 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە قار- مۇز تەسىراتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
11- ئاينىڭ 24 - كۈنى، 2024- يىل − 2025- يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ياشلار - ئۆسمۈرلەر چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى باشلىنىش مۇراسىمىدا چاڭغا تېيىلىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2024- يىل − 2025- يىللىق ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر چاڭغا تېيىلىش ئۈچۈن ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقماقتا (تىزگىنەلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر قارلىق دالا موتوسىكلىتىغا ئولتۇردى.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلماقتا.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارتىسلار ئورۇنلىغان مىللەتلەر ئۇسسۇلنى سۈرەتكە ئالماقتا.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئارتىسلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، چاڭغا تېيىلىشقا قىزىقىدىغان كىچىك دوستلار چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلىشقا تەييارلاندى.
11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)