ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋ
ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىش پەسلىدە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. «قىشتا چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىش خەتىرى چوقۇم يازدىكىدىن كىچىك بولىدۇ!» نۇرغۇن شوپۇر مۇشۇنداق روھىي ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىدۇ- دە، نەتىجىدە يولدا «ماكچىيىپ قالىدۇ».
بىرىنچى سەپتىكى كۆرۈنۈش: بىرىنچى سەپتىكى كۆرۈنۈش
«يەنە چاقتىن چاتاق چىقتىمۇ؟» 11- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 22دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى خاستېر خىزمەتداشلىرى بىلەن G7 بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ چارلاۋاتقاندا، يىراقتىن بىر ئاپتوموبىلنىڭ خەتەردىن سىگنال بېرىش چىرىغىنى ياندۇرۇپ يول بويىدا توختاپ قالغانلىقىنى كۆردى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىكى ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، خاسىتېر چاقتىن كاشىلا چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
«ياخشىمۇسىز ساقچى، ئاپتوموبىلىمنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدىمەپتىمەن، بولمىسا رېشاتكىغا سوقۇلۇپ كەتكەن بولاتتىم!»، دېدى شوپۇر ما ئۇستام دەككە- دۈككە ئىچىدە. خەلق ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ زاپاس چاقنى ئالماشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغانىدى.
شۇ كۈنى سائەت 20دە چارلاشنى باشلىغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بۇ خاستىر خىزمەتداشلىرى بىلەن يولۇققان ئۈچىنچى قېتىملىق ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ئېتىلىپ كېتىش ۋەقەسى ئىدى.
«جىددىيلەشمەڭ، بىز زاپاس چاقنى ئالماشتۇرۇشىڭىزغا ياردەملىشەيلى. قىش باشلىنىپ قالدى، بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس»، دېدى خاستىر ما ئۇستامنىڭ چاقنى ئالماشتۇرۇشىغا ياردەملەشكەچ. ما ئۇستام خاستېرغا ئۆزىنىڭ ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئاپتوموبىل ھەيدەپ باقمىغانلىقىنى، شۇ كۈنى كەچتە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلنىڭ پىرىبور دىسكىسىدا چاقنىڭ يەل بېسىمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، «ھاۋا سوغۇق بولغاندا بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ» دەپ قاراپ، «بىردەم ھەيدىسەملا ئوڭشىلىپ قالىدۇ» دەپ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئويلىمىغان يەردىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگىلا ئاپتوموبىل بىر كىچىك ئازگالدىن بېسىپ ئۆتكەندە، بالوندىن يەل چىقىپ كەتكەنىدى.
ما ئۇستامغا چاقنى ئالماشتۇرۇشۇپ بەرگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى داۋاملىق چارلىدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ساقچى ئاپتوموبىلى مىدۇڭ رايونى ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە، شوپۇر شيې خانىم ئالدىراش يۈگۈرۈپ كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلدى: «ساقچى يولداش، ئاپتوموبىلىمنىڭ چاقىنىڭ يېلى چىقىپ كەتتى، مەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيمەن، كۆرۈپ باقامسىز؟»
خاستىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق شيې خانىمنىڭ ئاپتوموبىلغا قىشلىق چاق ئالماشتۇرمىغانلىقىنى، ئىككى ئالدى چاقىنىڭ يېلىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ چوڭ ئەترەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتىدىن ناسوس قاتارلىق سايمانلارنى ئېلىپ كېلىپ چاققا يەل ئۇردى.
شيې خانىم مۇنداق دېدى: مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى خىمىيە سانائەت باغچە رايونىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىردىم، ھەق ئېلىش پونكىتىغا يېقىنلاشقاندا ئاپتوموبىل سىگنال بېرىپ، «ئىككى ئالدى چاقنىڭ يەل بېسىمى يېتەرلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى، مەن يەنە مېڭىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئاپتوموبىلنى دەرھال توختاتتىم. خاستېر خىزمەتداشلىرى بىلەن شيې خانىمنى توغرا قىلغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇنىڭغا قىشلىق چاقنى تېزدىن ئالماشتۇرۇپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تاپىلىدى.
خەلق ساقچىسى مۇنداق دېدى: يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چاقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كېرەك
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 21- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شوپۇر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتىن بۇرۇن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تولۇق بولمىغان ياكى زاپچاسلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ.
«زاپچاسلار تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك» دېگىنىمىز، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھەر قايسى مېخانىكىلىق زاپچاسلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، بۇرۇلۇش سىستېمىسى، تورمۇز سىستېمىسى، چىراغ نۇرى، چاق، سىلكىنىشنى پەسەيتىش قاتارلىق ھالقىلىق زاپچاسلارنىڭ ئىشلەش ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق دېگەندەك. شۇڭا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شوپۇر چاقنى تەكشۈرۈپ، چاقتا كونىراش، يەل قېچىش، چاقنىڭ يەل بېسىمى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئېنىقلىشى كېرەك. قىش كىرگەندىن كېيىن، قىشلىق چاقنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
بىلىم ئۇلانمىسى: قىش پەسلىدە چاق ئېتىلىپ كېتىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
ھاۋا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە چاقنىڭ يەل بېسىمى مۇقەررەر تۆۋەنلەيدۇ. چاقنىڭ يەل بېسىمى تۆۋەن ئەھۋالدا، چاقنىڭ يۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن شەكىل ئۆزگىرىش دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، خورىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاق كاۋچۇكتىن ياسالغان بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا قاتتىقلىشىپ، ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سىناق سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 7 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، چاق بارا - بارا يەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىكەن ھەم ئاسانلا قاتتىق نەرسىلەر تەرىپىدىن تېشىلىپ كېتىدىكەن.
چاق ئېتىلىپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، چاقنىڭ يېپىشىش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆلچەملىك چاق يەل بېسىمى دائىرىسى ئىچىدە چاق يەل بېسىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش؛ چاق سىزىقچىلىرى ئىچىدىكى ئۇششاق تاش، ئەينەك پارچىلىرى قاتارلىق يات ماددىلارنى ۋاقتىدا تازىلاش؛ چاقتا تومپىيىپ قېلىش، يېرىق، كېسىلىپ زەخىملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىغاندا دەرھال رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىشقا بولمايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى چاق بىلەن كونا چاقنىڭ سۆرەش كۈچى ۋە يەرنى تۇتۇش كۈچى ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چاق ئېغىر دەرىجىدە ئۇپراپ كەتكەن ئاپتوموبىللار قار- مۇزلۇق يولدا نورمال يۈرەلمەيدۇ. شوپۇرلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك ئۇپراش بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇپراش ئەھۋالىغا ئاساسەن چاقنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)