قەلبىڭىز مۇھەببەتكە تولسىلا، تۇرمۇش ھەرقاچان سۆيۈملۈكتۇر
سۆيۈملۈك دوستۇم، تۇرمۇشنى ئەھمىيەتسىز دەپ ئاغرىنماڭ. قاراڭ، ئەتراپىمىزدا سۆيۈملۈك دەقىقە قانچىلىك كۆپ- ھە!
بىنا ئاستىدىكى ئەبنۇس دەرەخلىرى مېۋىگە كىرمەكتە، دەل- دەرەخلەر ئاستا- ئاستا قىزىل لىباس ئارتماقتا، بۇ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى نەقەدەر سۆيۈملۈك؛ كوچا بويىدىكى قاقلانغان خۇڭشۇنىڭ شېرىن تەمى بىلەن خوگو دۇكانلىرىدىن چىققان خۇش پۇراق ئاچچىق ھىدلار قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرمەكتە، بۇ ئىللىق تۇرمۇش پۇرىقى نەقەدەر سۆيۈملۈك؛ يۈگۈرۈش يولىدا بالىلار بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئويناشماقتا، باغچىدا ياشانغانلار خور ئۆمىكىنىڭ يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ياڭرىماقتا، بۇ خاتىرجەم كۈنلەر نەقەدەر سۆيۈملۈك؛ يول بويىدىكى گۈل- گىياھ، ئوت- چۆپلەر، ئۇيقۇدىكى مۈشۈك، ئالدىراش چۈمۈلىلەر ئۆزگىچە بىر كارتىنىنى شەكىللەندۈرمەكتە، بۇ ھاياتىي جۇشقۇنلۇق نەقەدەر سۆيۈملۈك.
باھاردىكى سىم- سىم يامغۇر، يازدىكى تاۋۇز، كۈزدىكى مېۋە- چېۋە، قىشتىكى چىللىگۈل، تاغ ھەيۋىتى، سۇ ئاۋازى، ئاي شولىسى، گۈل ھىدى...دۇنيا شۇنچە بىپايان، مەۋجۇداتلار شۇنچە رەڭدار، ھەممىلا يەر شۇنچە سۆيۈملۈك.
قىزىقىش- ھەۋەسلىرىنى يوقاتقانلار تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ. يۇمۇرىستىك، مۇھەببەتلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتىدۇ. قەلبىڭىز مۇھەببەتكە تولسىلا، تۇرمۇش ھەرقاچان سۆيۈملۈكتۇر.
ھاياتنىڭ قىزىقى كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇش ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ
سىز ھەممىلا نەرسىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، تۇرمۇشىنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلامسىز؟
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەر دائىم ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن ئۇلار قايغۇ- ھەسرەتلەرنى بېلىق تۇتىدىغان كەڭ تورغا سېلىپ ئاقتۇرۇۋېتىشنى، ئاندىن بەختنى ئۇن تاسقايدىغان ئەلگەكتە تاسقاپ ئايرىۋېلىشنى بىلىدۇ. ئۇلار كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئازابنى كۈچكە، مەنىسىزلىكنى قالتىسلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. غازاڭ بولغان بىر تال يوپۇرماق، پورەكلىگەن بىر تال گۈلدىنمۇ بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلالايدۇ.
سۆيۈملۈك دوستۇم، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىراقلارغا بېرىش ھاجەتسىز، چوقۇم يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشمۇ زۆرۈر ئەمەس. گۈزەل تۇرمۇش دەل ھازىرقى پەيتتە، كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇش ئىچىدە. يېنىڭىزدىكى ئادەمنى سۆيۈڭ، كۆز ئالدىڭىزدىكى پەيتنى قەدىرلەڭ، ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزگە تەۋە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تېخى ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
بۈگۈندىن باشلاپ، تۇرمۇشنى سۆيۈڭ. ھەربىر كۈنىڭىزگە يېڭى خۇشاللىق بېغىشلاڭ، يېڭى جايغا بېرىڭ، يېڭى قىزىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ، خۇددى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كېيىنكى قىسمىغا تەقەززا بولغاندەك، ھەربىر كۈننى ھاياجان ئىچىدە كۈتۈۋېلىڭ.
ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىڭىز ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەرزىيدىغان ئىش
بەزىلەر تۇرمۇش سىزگە ئويلىغىنىڭىزنى، ئارزۇ قىلغىنىڭىزنى بەرمەيدۇ، بەلكى سىزنى قىلغانلىرىڭىزغا يارىشا تارتۇقلايدۇ، دەيدۇ.
سۆيۈملۈك دوستۇم، تۇرمۇشتا ئەڭ مۇھىمى نەتىجە ئەمەس، بەلكى جەريان ۋە تۇيغۇ.
ئەگەر سىز ۋاقتىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ يان تېلېفون ئويناش بىلەن ئۆتكۈزسىڭىز، سىرتلارغا چىقىپ تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالىدىغان، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەردەك مەنىلىك ياشىيالمايسىز، ئەلۋەتتە. ئەگەر سىز نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشماي، دىققىتىڭىزنى ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز تەبىئىيلا تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭكىدەك قىزىقارلىق ئۆتمەيدۇ.
ۋاقىت قىممەتلىك، ۋاقتىڭىزنى ئۇھسىنىشلار ئىچىدە ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنلا تۇنجى قەدەمنى تاشلاڭ؛ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادىمىڭىز بىلەن تېز بېرىپ كۆرۈشۈڭ. بۇ ئارزۇلارنى دائىم كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە، دەرھال ئىشقا ئاشۇرغان ياخشى.
مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەردە، ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىڭىز، قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەرزىيدىغان ئىش.