11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024- يىل − 2025- يىللىق قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تۇنجى چاڭغا تېيىلىش مۇراسىمى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەردە قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى، بۇ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024- يىل − 2025- يىللىق قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى رەسمىي باشلىدى.
بۇ قېتىمقى تۇنجى چاڭغا تېيىلىش مۇراسىمىدا يەنە مول مەزمۇنلۇق ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى بار بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرلىرى چاسا ئەترىتىنىڭ تۇنجى چاڭغا تېيىلىش ماھارىتى، شىنجاڭدىكى قازاق مومايلارنىڭ چاچقۇ چېچىش مۇراسىمى، نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز- ئوكيان باغچىسى ئېلىپ كەلگەن سۇ پەرىسى ئويۇنى ھەم ئەدەبىيات- سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پائالىيەت مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ، بارلىق ساياھەتچىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
شىنجاڭنىڭ قار گۈللىرى ئېچىلدى، بۇ يىل قىشتا، تېز كېلىپ شىنجاڭنىڭ قار- مۇز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ!
مۇخبىر: شۆ خۇي، جاڭ ئاۋ
سىن نازارەتچىسى: ماۋ مىڭدۇڭ
سىن تەرجىمىسىنى كىرىشتۈرگۈچى: ئادىلجان ئالىم
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)