دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرى قىزىتمىسى يانسىلا ياخشى بولۇپ قالامدۇ؟ دېنگې قىزىتمىسى توغرىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشلارنى ئېنىقلاش
17:39:03 2024-11-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دېنگې قىزىتمىسىنى تارقىتالايدىغان پاشا پەقەت ياز پەسلىدىلا پەيدا بولامدۇ؟ دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرى قىزىتمىسى يانسىلا ياخشى بولۇپ قالامدۇ؟ دېنگې قىزىتمىسىنى برۇفېن، ئاسپىرىن ئارقىلىق ياندۇرغىلى بولامدۇ؟ ساغلاملىق ھەقىقىي بىلىملىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يۈنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

دېنگې قىزىتمىسىنى تارقىتالايدىغان پاشا پەقەت ياز پەسلىدىلا پەيدا بولامدۇ؟

ئۇنداق ئەمەس. دېنگې قىزىتمىسى ۋىرۇسىنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقىلىش ۋاسىتىسى ئاساسلىقى ئاق سىزىقلىق ئېدېس پاشىسى ۋە مىسىر ئېدېس پاشىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئاق- قارا سىزىقچىلار بار. ئۇزاق يىل ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېنگې قىزىتمىسىنى تارقىتىدىغان ئاق سىزىقلىق ئېدېس پاشىسىنىڭ يىل بويى دېگۈدەك كۆپىيىدىغانلىقى بايقالدى.

پاشىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شارائىت بولسا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇش، ھەر كۈنى 14 سائەت ئەتراپىدا كۈن نۇرى چۈشۈش، بەلگىلىك سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ھازىرلانغان بولۇشتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ياز پەسلىلا بۇنداق شەرتكە ماس كېلىپ قالماستىن، جەنۇبنىڭ كۈز پەسلىدىكى كىلىمات شارائىتىمۇ يەنىلا پاشىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر يىلى كۈز پەسلى پاشىلار جانلىنىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، بۇ ئېدېس پاشىسى ئاساسلىقى تىروپىك بەلباغ، سۇبتىروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان. دۆلىتىمىزدە گەرچە دېنگې قىزىتمىسىنىڭ يەرلىك يۇقۇم مەنبەسى تېخى شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىرتتىن كىرگەن كېسەللەرنى ھەر يىلى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرى قىزىتمىسى يانسىلا ياخشى بولۇپ قالامدۇ؟

ناتايىن. دېنگې قىزىتمىسى كېسەللىك جەريانىنى ئۆتكۈر قىزىش مەزگىلى، خەۋپلىك مەزگىل ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئۆتكۈر قىزىش مەزگىلى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئالدى بىلەن يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولىدۇ، قىسمەن بىمارلارنىڭ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن داۋاملىق قىزىيدۇ، ئۈچ ئاغرىش (باش ئاغرىش، كۆز چانىقى ئاغرىش، مۇسكۇل- بوغۇملار ئاغرىش)، ئۈچ قىزىرىش (يۈزى قىزىرىش، بوينى قىزىرىش، كۆكرەك قىسمى قىزىرىش)، ئەسۋە چىقىش، قاناش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكى يېنىك بىمارنىڭ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ.

كېسەل بولۇپ تۆت كۈندىن سەككىز كۈنگىچە، قىسمەن بىمارلار ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، قىزىتما يانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كېتىدۇ. خەۋپلىك مەزگىل دېنگې قىزىتمىسىدا ئەڭ ئاسان ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدىغان باسقۇچ، مەسىلەن، قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش، داۋاملىق قۇسۇش ۋە قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قاناش قاتارلىق كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يەنە جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، مېڭە دېگەندەك مۇھىم ئەزالار زەخىملىنىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

شۇڭا، قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، بىمارنىڭ يېتەرلىك سۇ قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك.

دېنگې قىزىتمىسىنى برۇفېن، ئاسپىرىن ئارقىلىق قىزىتمىنى قايتۇرغىلى بولامدۇ؟

برۇفېن ۋە ئاسپىرىن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك! «دېنگې قىزىتمىسىنى داۋالاش قوللانمىسى (2024- يىلى)»دا تەۋسىيە قىلىنغان قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسلىقى فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش، مەسىلەن، ئىلمان سۇ بىلەن سۈرتۈشتىن ئىبارەت، شۇنداقلا، يۇقىرى قىزىتما يانمىغان بىمارلارغا ئاتسېتامىنوفېنول قاتارلىق قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، ئاسپىرىن، برۇفېن ۋە باشقا سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش، ئاشقازان ياللۇغى ياكى قاناشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك ئاساسىي كېسىلى ياكى مېڭە قان تومۇر كېسىلى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت خلورپىرىگرې، تىگرايلو، ۋافارىن، لىفاشابان، دابىگا توپ ئېستېرى ھەم ھېپارىن قاتارلىق قان ئۇيۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغان بىمارلار ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشى، قاناشتىن ساقلىنىشى كېرەك. دادۇر كېسىلى تارىخى بار بىمارلار كېسەل كۆرسەتكەندە، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش تۈرىدىكى دورىلارنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ قان ئېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دوختۇرغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125