قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | قىشلىق تەتىلدىكى كەچمىش
13:04:23 2024-11-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ليۇ رەن

 قەلەمنى قولغا ئېلىپ خىيالغا پاتتىم، ئەسلىمە كىلاپانىم بىردىنلا ئېچىلدى: 2021- يىلىدىكى ئاشۇ قىشلىق تەتىلدە، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا، مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئاشۇ ياردەم، ماڭا ئىللىقلىق ۋە تەسىرلىنىش ئېلىپ كەلگەنىدى.

 ئاشۇ يىلى، قىزىم ئىككىمىز كۈتكىلى ئۇزاق بولغان قىشلىق تەتىل ئاخىرى يېتىپ كەلدى، بىز تەلپۈنۈش ئىچىدە چۇڭچىڭغا بارىدىغان پويىزغا چىقتۇق. تارىخى ئۇزاق مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ئىدى. خۇڭيا غارى، شيەننۈشەن تېغى، سىچىكوۋنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، سېھرىي «تۇمانلىق پايتەخت» تاغلىق شەھىرىگە قايىل بولدۇق. چۇڭچىڭدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، قىزىم چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئاسما ۋاگوندا ئولتۇرىمەن، دەپ غەلۋە قىلدى، مەن ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئەتىسى سەھەردىلا ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇش نۇقتىسىغا كەلدۇق، «پاھ!» ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، ئۆچرەتتە تۇرغانلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئۆچرەت خۇددى ئەگرى- بۈگرى ئۇزۇن ئەجدىھاغا ئوخشاش تولغىنىپ مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەنىدى، بىزمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

 ۋاقىت بىر مىنۇت، بىر سېكۇنتتىن ئۆتۈپ كەتتى، قىزىم ساقلاپ تاقەت قىلالماي، بىردەم سۇ ئىچىمەن دەپ، بىردەم ھاجەتخانىغا بارىمەن، دەپ غەلۋە قىلىپ، ئىككى ئارىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈردى، مېنىڭمۇ ئىچىم تىتىلداپ، ئاستا- ئاستا تاقىتىمنى يوقاتقىلى تۇردۇم؛ ئاخىرى نۆۋەت بىزگە كەلدى، مەن يان تېلېفونۇمنى ئېلىپ، كودنى ساۋما قىلىپ مەيدانغا كىرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇچامنى سىلاشتۇرۇپ، يېنىمدا ئېلىپ يۈرىدىغان سومكامنىڭ قاچانلاردىدۇر يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. ئاپلا! ئۇنىڭ ئىچىگە مېنىڭ بارلىق «بىساتىم» − كىملىك، بانكا كارتىسى، يان تېلېفون ۋە پۇلۇم سېلىقلىق ئىدى. مەن بىردىنلا چۆچۈپ سەگەكلىشىپ كەتتىم، ئالاقزەدە بولۇپ ھەممە يەرنى ئىزدىدىم، ئېسىمدە قالغان ھەر بىر غېرىچ يەرگىچە ئىزدىدىم، لېكىن كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى، ھەتتا قاچان يىتتۈرۈپ قويغىنىمنىمۇ شۇ تاپتا ئەسلىيەلمەيتتىم، ئىچىم تىتىلداپ، كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ، قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، يۈرىكىمنى خۇددى سانسىز چوڭ تاش بېسىۋالغاندەك بولۇپ، يوتام ۋە پاقالچاقلىرىم ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىۋاتاتتى.

 «سىزگە نېمە بولدى، ياردەم كېرەكمۇ؟» تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە كۆڭۈل بۆلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۆرۈلۈپ قارىدىم، ئەسلىدە مەنزىرە رايونىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئىكەن، بۇ ناتونۇش جايدا، مەن خۇددى جاننى قۇتقۇزىدىغان شال پاخىلىنى تۇتۇۋالغاندەك، بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم، «ئالدىرىماڭ، ئىككىمىز بېرىپ كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈپ باقايلى!» دېدى ئۇ ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپ مېنى كۆزىتىش ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى، ئۇنىڭ ياردىمى بولغاچقىلا، مەن ئاندىن ئېسىمگە كېلىپ، بۇ «ناتونۇش ئادەم»گە تەپسىلىي سەپسالدىم، ئۇنىڭ بويى ئېگىز، تېرىسى قاپقارا ئىدى، ياداڭغۇ ھەم كېلىشكەن يۈزىدە كۆزئەينەك بولۇپ، قوشۇمىسى چىڭ تۈرۈكلۈك ئىدى.

 كۆزىتىش ئۆيىدە ئۇ مېنىڭ سومكامنى يىتتۈرۈپ قويغان ۋاقتىمنى تەپسىلىي سورىدى، مېنىڭ تەسۋىرلىشىمگە ئاساسەن، كۆزىتىش ئاپپاراتىنى قايتا- قايتا كۆرۈپ چىقتى. بىر سائەت، ئىككى سائەت ... يەنىلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق، مېنىڭ سەل جىددىيلەشكىنىمنى كۆرۈپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭا تەسەللىي بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن لايىھەنى تېزدىن تەڭشەپ، يەنە بىر قېتىم خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

 قىشتا چۇڭچىڭ سوغۇق ئىدى، سوغۇق شامال قار ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، ئەمما قار بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىردەمدىلا ئەتراپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى. بىراق كۆزىتىش ئۆيى يەنىلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئىدى ... مەن ئۆرۈلۈپ، بۇ «ناتونۇش ئادەم»نىڭ پېشانىسىدىن ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلغانلىقتىن تەر تەپچىرەپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.

 مەن ئاشۇ خىزمەتچىنىڭ قەھرىتان سوغۇق كېچىدە ماڭا ناتونۇش ياقا يۇرتتا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ زېرىكمەي يىتۈپ كەتكەن سومكامنى تېپىشىمغا ياردەم قىلدى، بۇ ئىللىق ھەرىكەت ماڭا جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى ھېس قىلدۇردى، ماڭا جەمئىيەتنىڭ «چىن»، «ئاق كۆڭۈل»، «گۈزەل» بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى تېخىمۇ جەزملەشتۈردۈم، بۇ ئىش مېنىڭ ھەر ۋاقىت ئىللىق ئىش قىلىشىمغا، ئىللىق ئادەم بولۇشۇمغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى شىئەن جىڭخې سانائەت رايونى مەركىزىي مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125