نەچچە يۈز چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ بەھۇزۇر چاڭغا تېيىلدى
11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كېچىدە چاڭغا تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەردە قېلىن قار ياغدى، لېكىن توختىماي ياغقان بۇ قار چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كېچىدە چاڭغا تېيىلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024- يىل − 2025- يىللىق قار پەسلىدە تۇنجى تۈركۈمدە سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىش باشلانغان چاڭغا تېيىلىش مەيدانى − يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى كېچىدە چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
سائەت 20:00لەر ئەتراپىدا ئەنەنچۈ بازىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى گو مەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش زالىدا چاڭغا تېيىلىش كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.
گو مەن مۇنداق دېدى: «ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئىشتىن چۈشۈپلا بالىمىزنى ئېلىپ ئوينىغىلى كەلدۇق. ئادەتتە كۈندۈزى كېلەتتۇق، بۇ، تۇنجى قېتىم كېچىدە چاڭغا تېيىلىشىمىز».
خېبېي خەندەندىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى ۋاڭ لېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بەك پەيزى بولىدىكەن، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا كېچىدە چاڭغا تېيىلىشىم، بۇ، بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولدى».
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى داڭلىق ماركا مەھسۇلات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزدا 11- ئاينىڭ 16- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000غا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. 11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى قار- شىۋىرغانغا قارىماي، كېچىدە چاڭغا تېيىلىشنى ھېس قىلدى. سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىش مەزگىلىدە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن 1-، 2- ۋە 5- نومۇرلۇق ئاسما يول ئېچىۋېتىلىدۇ».
جۇاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «كېچىدە چاڭغا تېيىلىشنى سىناق قىلىش ھەپتىلىكىدە ساياھەتچىلەر 99 يۈەنلىك ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى (چاڭغا تېيىلىش تاختىسى، تۆمۈر قالپاق، چاڭغا تېيىلىش كۆزەينىكى، چاڭغا تېيىلىش كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بەھرىمەن بولالايدۇ، تەييارلىقسىز كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىمۇ كېچىدە چاڭغا تېيىلىشنى ھېس قىلالايدۇ. 12- ئاينىڭ 24- كۈنى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز رەسمىي تىجارەت باشلاپ، تۇنجى تېيىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ چاغدا چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرلىرىنىڭ چاسا ئەترەت ئويۇنى، ساھىبجامال بېلىق ۋە دېڭىز شىرى ئويۇنى قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدۇ».
شۇ كۈنى كەچتە بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىمۇ كېچىدە چاڭغا تېيىلىش باشلاندى.
ئىلىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى ما پېڭ لايىقى بىلەن بىللە بەھۇزۇر چاڭغا تېيىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، چاڭغا تېيىلىش كەيپىياتى قويۇق ئىكەن، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى بىلەن تونۇشقىلى بولىدىكەن، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بىلەن بىللە چاڭغا تېيىلىش ناھايىتى رومانتىك بىر ئىش».
بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فەن لەنلەن مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنى كەچتە قار ياغقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 200دىن ئارتۇق چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى كېچىدە چاڭغا تېيىلغىلى كەلدى. بۇ يىل چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز يورۇتۇش ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، كېچىدىمۇ بىخەتەر چاڭغا تېيىلالايدىغان بولدى».
ئىگىلىنىشىچە، بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا كېچىدە چاڭغا تېيىلىشتا 1- نومۇرلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك قار يولى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك قار يولى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك قار يولى ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۈمە، شەنبە كۈنى كېچىلىك مەيدان سائەت 19:30دىن 23:30غىچە، يەكشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە كېچىلىك مەيدان 19:30دىن 23:00كىچە ئېچىۋېتىلىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)