«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىنى قوزغاتتى
16:54:16 2024-11-25 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ «2024- يىللىق ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنىڭ <كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش> بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆي بېزەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلارنى سېتىۋالغۇچىلار ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، بىخەتەر بولغان ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرى تەدرىجىي ھالدا ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ «ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى ياردەم پۇلى تۈرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان تاۋاردىن 27سى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلار توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق، نەپەسلىنىش ماشىنىسى (ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى)، يىقىلىپ چۈشۈشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەسۋابى، نەپەسنى، يۈرەك رىتىمىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەسۋابى، بەدەن ئەھۋالىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەسۋابى، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلارنى پەرۋىش قىلىشقا قولايلىق كارىۋات، ئاۋدىفون، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرىنى ئۆلچىگۈچ، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگۈچ، كۆزىتىش- ئۆلچەش قول سائىتى قاتارلىق ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان 11 خىل تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 جيەنشېڭ دورىخانىسىنىڭ مەسئۇلى فۇ ۋېنلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر دورىخانىمىزدا ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى، توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق، ئاۋدىفون، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار بار، ھەممىسى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى. دورىخانىمىز مەھەللە بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغان كىشىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورىخانىمىز 24 سائەت تىجارەت قىلىپ، ياشانغانلارنى مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىشلىتىش مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارنى ئېتىباردىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىللە، يەنە تېخىمۇ سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى.

 جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ مېيجۈ دۇكىنىدا نۇرغۇن ياشانغان كىشى خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئۆي جاھازلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىۋاتاتتى. بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن سۈن جىنخۇا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ توغرىسىدا مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.

 سۈن جىنخۇا مۇنداق دېدى: مەھەللىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، چىراي تونۇتۇش ياكى بارماق ئىزى ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدىم.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم مەھسۇلاتنى ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بىخەتەرلىكى ۋە قولايلىقلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ». ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ئىستېمالچىلار مۇندەرىجە ئىچىدىكى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ پەرزەنتلەرنى چوڭلار ئۈچۈن ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يەنە كارخانا، مەھەللە قاتارلىقلارنى بىرلىكتە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ياشانغانلارنى مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسەتنى چۈشىنىشىگە، مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا ھەمدە مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش، خىراجەتنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق كېيىنكى تەرتىپلەرنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى. (مۇخبىر مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125