ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى مۇنداق خەۋەر ئېلان قىلدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي- مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ توردا ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ «ئاقىل تۇرالغۇ» كەسپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ مەركەزنىڭ قىسمەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، جۈملىدىن يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي، نىمكەش ئۆي سودىسى (ۋارىسلىق قىلىش، مال- مۈلۈكنى ئايرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەر- خوتۇننىڭ نامىدىكى ئۆينى ئۆزئارا ئۆزگەرتىش، سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي باشقا نامغا يۆتكىشى قاتارلىق يۆتكەپ تىزىملاش ۋە قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشنى رەنىگە قويۇش كەسپى توختىتىلىدۇ، ئۆي- مۈلۈك سودىسىغا چېتىلمايدىغان باشقا كەسىپلەرنى نورمال بېجىرىشكە بولىدۇ. كەسىپنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋاقتى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى (چارشەنبە)دىن 12- ئاينىڭ 1- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە بولۇپ، 12- ئاينىڭ 2- كۈنى كەسىپ نورمال بېجىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىش بېجىرىدىغان ئامما، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بېجىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشىنى سورايمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)