تەكلىماكان، سېنى بىز يەنە بىر قېتىم «مۇھاسىرە»گە ئالىمىز!
11:43:13 2024-11-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قۇملۇق، بىپايان ھەم سىرلىق جاي. ھاياتلىق، چەكسىز قۇم دېڭىزىدا ناتىۋان ۋە ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.

 شىنجاڭ خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچكىرىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، ئۈچ تەرىپى قۇم بىلەن قورشالغان، پۈتۈن يىللىق چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى 260 كۈندىن ئاشىدۇ. كۆچمە قۇمنى قانداق «قاشالاش»تا، بۇ يەردە ئادەم بىلەن قۇمنىڭ كۈچ سىنىشىشى داۋام قىلماقتا.

 بىپايان قۇملۇق، قاقاسلىقتا يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىش

 بۇ 11 مىڭ مو قۇملۇق تىزگىنلەش رايونى دەل لوپ ناھىيەسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى بوش قالغان رايون بولۇپ، 40 ماشىنا بىرلا ۋاقىتتا يەر تۈزلەشكە باشلىدى، بۇ قۇرۇلۇشنىمۇ تەخمىنەن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئاندىن تاماملىغىلى بولىدۇ. بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغاچقا، شامالنىڭ سۈرئىتى ئوڭايلا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھەر يىلى ئەتىياز، ياز پەسلىدە قۇم بوران پات- پات ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا كۆرۈش ئارىلىقى 100 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ.

 ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرىنى ئىتتىرىپ تۈزلىگەندە، ئۆسۈملۈكلەر يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇزاققا قالماي، تۈزلەنگەن بۇ قۇملۇق يەر شۇ جايدىكى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، قاقاس يەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئېرىشىدۇ.

 كۈز پەسلىدە ئورمان بىنا قىلىش  كۆچەت تىكىپ، يېشىللىق بەرپا قىلىپ قۇم بوراننى تىزگىنلەش

 80 كىلومېتىر نېرىدىكى تۈزلەنگەن بۇ قۇملۇقتىكى قاتار- قاتار تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرى خۇددى يەر يۈزىنىڭ قان تومۇرلىرىغا ئوخشاش، رەتلىك سىزىقچىلارنى ھاسىل قىلغانىدى. سۇ ھەر بىر تۈپ زىرائەتنىڭ يىلتىزىغا توغرا يەتكۈزۈلدى.

 ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەن قۇملۇق تۇپراقتا، كۈزلۈك كۆچەت تىكىش قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. گۈرجەك توپىغا بىر قېتىم سېلىنسا، 50 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئورەك كولىناتتى، تۈپ ئارىلىقى 0.5 مېتىر، قۇر ئارىلىقى 4 مېتىر كېلىدىغان ئورەكلەر كېيىنكى قەدەمدە توشقان زەدىكىنى ئۇلاشقا يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرغانىدى.

 ئورەك كولاۋاتقان قاھار باش پۇرچاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇ ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە، بۇ يەردە سۆكسۆك تىكتى. كېلەر يىلى ئەتىيازدا، بۇ سۆكسۆكلەر قۇملۇقتا 4 مىڭ مو يەرگە «يېشىل گىلەم» توقۇيدۇ.

 قىزىل رەڭلىك شېرىنلىك  چىلان دەرىخى قۇمنى تۇراقلاشتۇردى ھەم ئائىلىنى شادلىققا ئېرىشتۈردى

 بىر پارچە قىزىللىق قۇملۇققا بۆسۈپ كىردى. كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقى، كېچە- كۈندۈزلۈك ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەرقى ۋە ئىشقارلىق قۇم تۇپراق بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق چىرا چىلىنىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا، 400دىن ئارتۇق چىلانچى دېھقان چىلانلارنى تاسقاپ، يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى، مول ھوسۇل شادلىقى ئالدىراشلىق ئىچىدە نامايان بولۇۋاتاتتى.

  كىشىلەر چىرا چىلىنىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى «بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان» جاي ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ئاز.

 شامال ئېغىزى بىلەن قورشالغان چىرانىڭ بوستانلىق كۆلىمى 2019- يىلىدىن بۇيان ئاندىن ناھىيە كۆلىمىنىڭ %30.48ىگە يەتتى. ھازىر، قاتار كەتكەن ئىھاتە ئورمىنى 150 مىڭ مودىن ئارتۇق چىلانلىق بىلەن قوشۇلۇپ، شەھەر- بازار ئۈچۈن مۇستەھكەم توساق بەرپا قىلىپ، چىرانىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغدىماقتا.

 ئادەم بىلەن قۇمنىڭ ئىناقلىقى  توغراقلىق قايتا جۇلالاندى

 پايانسىز كەتكەن سېرىق قۇملۇق، ئۈزۈلمەس كولدۇرما ئاۋازى. قۇملۇقتا، توغراقنىڭ ئالتۇن رېڭى بىلەن قۇمنىڭ سېرىق رېڭى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يورۇڭقاش دەرياسى بىر پارچە توغراقلىقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. قۇرغاقچىلىققا ئىنتايىن چىداملىق توغراقنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئارىلاپ سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەنگەن ئەھۋالدىمۇ ياشىيالايدۇ.

 ئەمما، ئۇلار ئىلگىرى ھاياتلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇدا داۋاملاشقان قۇرغاقچىلىق بۇ يەردىكى توغراقلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەسىل خاراكتېرلىك ئېرىگەن قار- مۇز سۈيى بىلەن سۇغىرىش ئورمانلىقنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، كىشىلەر بەس- بەستە بۇ يەرگە كېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، توغراقلىق يۇرت- ماكاننى قوغدايدىغان تەبىئىي قوغدىغۇچىغا ئايلاندى.

 بوشاشماي كۈرەش قىلىش  قۇم دېڭىزىدا ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم تۇرۇش

 كەچكى شەپەق قۇم بارخانلىرىغا ئالتۇن رەڭ جىيەك تۇتقاندا، ئىھاتە ئورمىنى كەچكى شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىمۇ تىرىشىشتەك قەيسەرلىك، يۇرتىنى قوغداش ئىرادىسى، بۇ دەقىقىدە ھەممىسى جاۋابقا ئېرىشتى.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125