قىشتىكى سالاپەت ۋە ئېسىلزادىلىق ئۇلاردىن كەلگەن
10:34:11 2024-11-26 تىيانشان تورى

غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاقنىڭ كۈن چىقىش مەنزىرىسى. لەي يۈنىڭ فوتوسى

شىنجاڭدا

ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر بولۇپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۈزەل ماكانىدۇر

بۇ يەردە

ئاق قۇلار ئۆزلىرىنىڭ سالاپەتلىك قىياپىتى ۋە ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى بىلەن

قىشتىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغان

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى قايدۇ دەرياسىدىكى تيەنئېۋەننىڭ قىش مەنزىرىسى. خەن جۈن فوتوسى

شىنجاڭدا

كۆپ ئۇچرايدىغان ئاق قۇ تۈرلىرىدىن

چوڭ ئاق قۇ، كىچىك ئاق قۇ، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ قاتارلىقلار بار 

چوڭ ئاق قۇنىڭ

تەن شەكلى بىر قەدەر چوڭ

بوينى ئۇزۇن

پەيلىرى ئاپئاق 

كىچىك ئاق قۇ

بىر قەدەر كىچىك 

سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ

ياۋا ئاق قۇلار ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بىر خىلى بولۇپ

ئەمما جۇڭگودا سانى ئەڭ ئاز بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى قايدۇ دەرياسىدىكى تيەنئېۋەننىڭ قىش مەنزىرىسى. خەن جۈن فوتوسى  

ئاق قۇ

ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە

ئۇ سۇلۇق يەردىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر توپى بولۇپلا قالماي

يەنە ئوزۇق ئىزدەش ۋە چىقىرىندىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق سۇ سىستېمىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

ئېرتىش دەرياسىنىڭ قابا ناھىيەسىدىكى دەريا بۆلىكىدە، ئاق قۇلار سۇ يۈزىدە قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچماقتا. ليۇ شىخې فوتوسى

قىش كىرىپ، شىخەنزىكى بېيخۇ كۆلى سۇلۇق يېرى نەچچە يۈز ئاق قۇنى كۈتۈۋالدى. تيەن گوجيەن فوتوسى

ئارشاڭ ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئاق قۇلار سۇدا ئۈزمەكتە. جاڭ گوبىن فوتوسى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپنى سۇس تۇمان قاپلىدى، توپ- توپ چوڭ ئاق قۇلار سۇدا بىر- بىرىنى قوغلىشىپ خۇشال ئويناشتى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا زور بىر تۈركۈم ئاق قۇ كۆچۈپ كەلدى. يۈەن بىنفېڭ فوتوسى

باش قىشتا، ئۇلۇنگۇر كۆلىگە ئاق قۇلار ئۇچۇپ كەلدى. ۋاڭ يۇڭ فوتوسى

ئاق قۇلار بورتالا شەھىرى بىنخې باغچىسىدا ئارام ئالماقتا. شاتتىق قايرات فوتوسى

ئاق قۇلار كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسىدا ئويناشماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى

 پايدىلانغان مەنبە: «كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125