شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى|«شىنجاڭنى ئېتىبارلىق ساياھەت قىلىش» سۇپىسى ھەمدە ساياھەت ئىستېمالى ئېتىبار بېلىتى قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى
12:40:12 2024-11-26 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 11- ئاينىڭ 22- كۈنى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان 2024- يىللىق 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى «شىنجاڭنى ئېتىبارلىق ساياھەت قىلىش» ئاقىل ساياھەتكە چىقىش سۇپىسىنى رەسمىي تونۇشتۇردى ھەمدە شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى ئېتىبار بېلىتىنى ئېلان قىلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىلغا يېقىن پىلانلاش ۋە ئېچىش ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئېتىبارلىق ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنىڭ 2025- يىلى 3- ئايدا رەسمىي تورغا چىقىرىلىشى مۆلچەرلەنگەن، بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت، مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەتچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

 ھازىر بۇ سۇپا لىنىيە لايىھەلەش، AI ئارقىلىق يېتەكلەپ چۈشەندۈرۈش، ساياھەتنى ئالدىن زاكاز قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇپ، سۇپىدا ئاۋىياتسىيە، تىك ئۇچار ئايروپىلان، باشقا جايدا ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش (قايتۇرۇش)، شوپۇر ھەم قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمىتى، مۇلازىم تۈرلۈك ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بار ئىكەن، شۇنداقلا يەنە يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ھالەتلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.

 شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما سىيۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى «شىنجاڭنى ئېتىبارلىق ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى شىنجاڭ ساياھەت مەنزىلگاھى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت رەقەملەشكەن ئىستېمالىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ سانلىق مەلۇمات مۈلكىنى توپلاش سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىدىكەن.

 «شىنجاڭنى ئېتىبارلىق ساياھەت قىلىش» سۇپىسى پات ئارىدا تورغا چىقىرىلغاندىن سىرت، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى يەنە شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى ئېتىبار بېلىتىنى چىقارغان. بۇ ئېتىبار بېلىتىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى باشلامچى بولۇپ گۇرۇھنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنزىرە رايونى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى 40 مەنزىرە رايونى (5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 16سى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ساياھەت ئويۇنلىرى، ئالقىشلىق لىنىيە، ساياھەت ئىستېمالى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى خۇنەن، جياڭسۇ، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزگەن «<تۇرپاندىكى كاتتا زىياپەت> سەييارە ئويۇن قويۇش تۈرى» ۋە «<قىزغىن كەيپىياتقا تولغان شىنجاڭ> ناخشا- ئۇسسۇل كۆرىكى مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇش تۈرى»گە قاتناشقان ساياھەتچىلەر تور سىرتىدا ئېتىبار بېلىتىنى ئالدىن ئالالايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىستېمال ئېتىبار بېلىتى تارقىتىش ئارقىلىق 10 مىڭ يوشۇرۇن ساياھەتچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، 12 مىڭ 500 ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، 150 مىليون يۈەندىن 170 مىليون يۈەنگىچە بولغان ئىستېمالغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن. (مۇخبىر لى كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125