ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي) 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، پەن جەنلې، جاڭ يۈفېي، لى يۆخۇڭ، ليۇ يۈكۇن، لى ۋېنۋېن، ساۋ يۈەن، ليۇ ياڭ، لى چيەن، خۇاڭجاڭ جياياڭ، دېڭ ياۋېن، جيا يىفەن قاتارلىق 11 ئولىمپىك چېمپىيونىدىن تەشكىللەنگەن «ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ئالغان دۆلىتىمىز ماھىرلىرى كوللېكتىپى» ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان «پارىژدا غەلىبە قىلىش، ئولىمپىكتا چاقناش − ئولىمپىك چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتىنى باشلىدى.
شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قوللىرىدا گۈل تۇتۇپ، ئولىمپىك چېمپىيونلىرىنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.
ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ئالغان دۆلىتىمىز ماھىرلىرى كوللېكتىپى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ئالغان دۆلىتىمىز ماھىرلىرى كوللېكتىپى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇاڭجاڭ جياياڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.
پەن جەنلې ئوقۇغۇچى تەقدىم قىلغان گۈلنى قولىدا كۆتۈرۈۋالدى.
جاڭ يۈفېي قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قول پۇلاڭلاتماقتا.
شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جيا يىفەنگە گۈل تەقدىم قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)