بۈگۈن (11- ئاينىڭ 25- كۈنى) دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) توشۇيدىغان تۇنجى يېڭى تىپتىكى چوڭ تىرانسپورت پاراخوتى شاڭخەيدە چەت ئەللىك خېرىدارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، بۇ پاراخوتقا خەلقئارادىكى ئىلغار يېڭى تىپتىكى يۈك بۆلمىسى سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنداق پاراخوتنى ياساش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
بۇ قېتىم تاپشۇرۇلغان LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) توشۇيدىغان يېڭى تىپتىكى چوڭ تىرانسپورت پاراخوتىنى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى جياڭنەن كېمىسازلىق (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى مەسئۇلىيەت لايىھەلەپ ياسىغان. ئۇنىڭغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ئۈچىنچى ئەۋلاد نېپىز پەردىلىك قوغداش سىستېمىسى قوللىنىلغان. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يۈك بۆلۈمچىسىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ سىرت بىلەن ئۇچرىشىشىنى توسۇشقا مەسئۇل ئىزولياتسىيە قەۋىتى ۋە دالدىلاش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 530 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغا تۆۋەنلىدى، بۇنداق بولغاندا، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى LNG تىرانسپورت پاراخوتىغا تېخىمۇ كۆپ يۈك قاچىلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ پاراخوت يەنە يۈكنىڭ توشۇلۇش جەريانىدىكى پارلىنىپ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقان بولۇپ، بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت قوغدايدىغان قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى چەت ئەل پاراخوت كارخانىلىرىنىڭ بۇ تىپتىكى LNG پاراخوتى ياساش ساھەسىدىكى مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىز كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى پاراخوت بازىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرگەن.
جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى جياڭنەن كېمىسازلىق (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى LNG تىرانسپورت پاراخوتىنىڭ مەسئۇل ياسىغۇچىسى سۇڭ بوۋېن مۇنداق دېدى: بۇ پاراخوت جۇڭگونىڭ بۇ ساھەدە نۆل بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇ پاراخوتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىشى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز- ئوكيان ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىكى بەزى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. ھازىر بۇ تىپتىكى پاراخوتتىن جەمئىي سەككىزى زاكاز قىلىندى، كېيىن تەدرىجىي ھالدا مەھسۇلاتنى ئەلالاشتۇرۇپ دەۋرىنى ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىمىز.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى سۈي شيا، ۋۇ تيەنبەي)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)