قاراڭغۇ چۈشۈپ، گۇگۇم پەردىسى يېيىلدى. كەچكى شامال پېتىۋاتقان قۇياشنى قاياقلارغىدۇر باشلاپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، تۈن پەردىسى يېيىلغان شەھەرنى چىراغلار ئاجىز نۇرى بىلەن يورۇتۇپ تۇراتتى.
مەن ۋاراڭ- چۇرۇڭ قاپلىغان تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ ئاددىيغىنە ياتىقىمغا قايتىپ، ئۈستبېشىمدىكى توپا- چاڭلارنى قېقشتۇردۇم. سىرى چۈشۈپ ئالىچىپار بولۇپ كەتكەن يېشىل تۆمۈر ئىشىكنى ياپقىنىمدا، مېنى بىردىنلا قورقۇنچ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئاران 30 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ ياتاقتا مەن تولۇق ئون يىل تۇردۇم، بۇ جايدا كىتاب ئوقۇدۇم، يېزىقچىلىق قىلدىم، ئۇخلاپ ئارام ئالدىم، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزدۈم، شۇنداقلا تەنھالىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم.
ئائىلەمدىكىلەر يېنىمدا ئەمەس. ئۇلار ناھىيە بازىرىدا تۇرىدۇ، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئالاقە پەقەتلا بىر- بىرىمىزنى سېغىنىش، ئەسلەش ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدىكى كۆرۈشۈشنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتۈش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. بەختىمگە يارىشا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كەڭ قورساق، ھەممىسى مېنى چۈشىنىدۇ، ماڭا تاپا- تەنە قىلمايدۇ ھەم مەندىن ئاغرىنمايدۇ، مانا بۇ تۇرمۇش − توختىماستىن جەم بولىدىغان ھەم ئايرىلىدىغان ھاياتلىق.
سەھرادىن شەھەرگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ماڭا ئوخشاش كىشىلەردە قىلچە ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بولمايدۇ، مەن ئىززەت- ھۆرمەتكە ۋە پۇت تىرەپ تۇرىدىغان جايغا تۇرمۇش ئوچىقىدا ئۇزاق يىل تاۋلىنىش، تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن، بۇ ھەرگىزمۇ جەمەتىمنىڭ ئىلتىپاتى ئەمەس.
ماڭا شۇنىسى ئايانكى، ئائىلەمدىكىلەرمۇ مېنى سېغىنىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، مومام بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ پېشايۋىنىدا تۇرۇپ، شامالدا يەڭگىل لەيلەپ چۈشۈۋاتقان يوپۇرماقلارغا ياكى كېچە ئاسمىنىدىكى پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا سەپسالغىنىچە، مەن ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرىدۇ ياكى سېغىنىپ كۆز يېشى قىلىدۇ؛ كەچكى شەپەقنىڭ قالدۇق نۇرىدا، دادام مەن تۇرۇۋاتقان شەھەر تەرەپكە تەلمۈرۈپ قارىغىنىچە يېزا يولىدا ئۆزى يالغۇز مېڭىپ يۈرىدۇ؛ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ئانام نۇرغۇن قېتىم كۆرۈپ قانمىغان كونا ئالبومنى ئېچىپ، قاتاڭغۇر قوللىرى بىلەن بالا ۋاقتىمدىكى سۈرىتىمنى تويماي سىلايدۇ؛ مەيلى قانچىلىك كەچ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئايالىم مەن بىلەن تېلېفوندا ئەھۋاللىشىدۇ − بىز تېلېفوندا ئۇنچە جىق پاراڭلاشمىساقمۇ، لېكىن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆڭلىمىزدىكى تەشۋىش قاياقلارغىدۇر غايىب بولىدۇ، يوشۇرۇنچە كۆز يېشى قىلىپمۇ يۈرمەيمىز؛ ئىككى ئوغلۇممۇ ئانىسىغا ئوخشاش ھەركۈنى كەچتە تېلېفوندا مەن بىلەن بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇخلايدۇ، بولمىسا ئۇلار چۈشىدە «دادا» دەپ توۋلاپ سالىدۇ − ئۇلارنىڭ ئاشۇ سەبىي ئاۋازى قاراڭغۇ كېچىنى زىلزىلىگە سالالايدۇ.
ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغىنىمدىلا، ئاندىن تۇرمۇش مۇشەققىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
مەن ئۆزۈمگىلا تەۋە بولماستىن، بەلكى ئائىلەمدىكىلەرگىمۇ تەۋە ئىكەنمەن. مېنى ئۇلار نەچچىگە بۆلۈۋېتىپتۇ، ھەر بىر مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنمەن. بۇ دۇنيادا مەن بولمىساممۇ يەرشارى يەنە ئۆز ئوربېتىسىدا چۆرگىلەۋېرىدۇ؛ لېكىن مەن بولمىسام ئائىلەمدىكىلەر چوقۇم تۇرمۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ- دە، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ئەكسىچە، ناۋادا ئۇلار بولمىسا، مەنمۇ ۋاقىتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرىگە چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ، قاتتىق قايمۇقۇپ ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن.
شۇڭا، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە مەن سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەن كىشىلەر ئۈچۈن ياشايمەن.
ياشاش − چەكلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، پەقەت مۇھەببەتلا چەكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.