يىڭخۇ كۆلى شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى خەنبىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنكاڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توسمىسىنىڭ خەنجياڭ دەرياسىنى توسۇشىدىن شەكىللەنگەن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇ مەنبەسى ساقلانغان مۇھىم جاي. ئۇزاق مۇددەت قوغداش ۋە تۈزەش ئارقىلىق يىڭخۇ كۆلىنىڭ سۈيى سۈزۈكلىشىپ، يىل بويى دۆلەتنىڭ II تۈردىكى سۇ سۈپىتى ئۆلچىمى ساقلىنىپ، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىڭخۇ كۆلىدە قۇرۇلغان يىڭخۇ كۆلى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، شۇ جاينىڭ پۈتۈن رايون ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى يىڭخۇ كۆلىدە تاغ- دەريالار بىلەن ساياھەتچىلەر بىر- بىرىگە ماسلاشقان، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلىش تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىناقلىق يۆگىمە رەسىمى شەكىللەندى.
يىڭخۇ كۆلى مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى
يىڭخۇ كۆلى مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى
يىڭخۇ كۆلى جىنلو ئارىلى مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى
ئەنكاڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توسمىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى يىڭخۇ كۆلىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى