11- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 19لاردا، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى چوڭ قۇلىنچەرى يېزىسىدا سەككىز بال شىۋىرغان چىقتى، كۆرۈش ئارىلىقى 10 مېتىرغىمۇ يەتمەي، تەۋەلىكتىكى S238 لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىنى قار كۆمۈۋەتتى. ئەڭ قېلىن ياغقان رايوندا قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىرغا يەتتى، قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قۇلىنچەرى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى دەرھال تەۋەلىكىدىن كۈرەكلىك ئاپتوموبىل ئۇقۇشۇپ، قار بىر قەدەر قېلىن بولغان يول بۆلىكىنى تازىلاپ، تۇرۇپ قالغان 160تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، قاپسىلىپ قالغان 230 نەچچە كىشىنى تارقاقلاشتۇردى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر: دۇەن فېي، خې پېڭفېي)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)