يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت چاقىرىقىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئائىلە بېزىكى، مۇنچا، ئۆي جاھازلىرىنى «يېڭىلاش» پائالىيىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىستېمال بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي ئېتىبار ۋە قولايلىق يارىتىپ بەردى.
11- ئاينىڭ 20- كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ جىنلۇڭ يۈەنمېڭ مەيدانىدا، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمە ئورنىغا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەر بىر مەھسۇلاتقا چاپلانغان بەلگە تاختىسىدا تاۋارنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى، ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغان ئىدى، مال ساتقۇچىلار خېرىدارلارغا مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى چۈشەندۈردى، نۇرغۇن خېرىدار نەق مەيداندا سودا قىلىپ، رازى بولۇپ قايتتى.
بەيخېيۈەن مەھەللىسىدىكى جاۋ خانىم مەخسۇس كىرئالغۇ ئالماشتۇرغىلى كەلگەن بولۇپ، تالون كەستۈرۈپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، سودىگەرلەر يەنە يېڭى كىرئالغۇنى ئاپىرىپ بېرىش، كونىسىنى يۆتكەش، يېڭىسىنى ئورنىتىش، كونىسىنى يىغىۋېلىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش مۇلازىمەتنى ھەقسىز سوۋغا قىلدى. جاۋ خانىم مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى كونا كىرئالغۇنى ئىزچىل ئالماشتۇرغۇم بار ئىدى، لېكىن يېڭىسىنى سەل قىممەت كۆرۈپ، سېتىۋېلىشقا كۆزۈم قىيمىغان ئىدى، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى بىلەن نۇرغۇن پۇلنى تېجەپ قالدىم، بىزدەك پۇقرالار تېخىمۇ ئەرزان باھادا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتەلىدۇق، بۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.
ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستېمالچىلارنىڭ «يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇشتا تېخىمۇ رازى بولۇشى» ئۈچۈن، ھەرقايسى سودىگەرلەر يەنە كونىلىرىنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغىۋېلىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كونىلىرىنى چۇۋۇپ يۆتكەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كىرا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كونا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتى پائالىيىتىنىڭ سالمىقى زور بولۇپ، ئىستېمالچىلار بىرىنچى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالسا، دۆلەت %20 تولۇقلىما بېرىدىكەن؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، دۆلەت %15 تولۇقلىما بېرىدىكەن؛ ئائىلە بېزىكى، مۇنچا ،ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋالسا دۆلەت %15 تولۇقلىما بېرىدىكەن، بىر قىسىم تاۋارلارغا زاۋۇت ۋە سودىگەرلەرنىڭ تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغان %50 تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. (مۇخبىر چېن چىچى خەۋىرى، رازىيە تەرجىمىسى)