دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش | قانۇنىي ۋەكىل ئالماشسا ئىلگىرىكى قەرزنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
12:18:59 2024-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسىدىن ۋاڭ يىڭيىڭ

 تىپىك دېلو مىسالى

 ما x مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىدە شوپۇر تەربىيەلەش تىرېنېرى بولغان ھەمدە شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەققىنى كۇرسانتلار تاپشۇرغان تەربىيەلەش ھەققىدىن پىرسەنت ئايرىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا پۈتۈشكەن. مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مالىيە خادىمى ھەمكارلىق ھەققى بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىش ئۈچۈن پىرسەنت ئايرىپ بېرىشتىكى ھېسابلاش تەپسىلىي تالونىنى ما xكە قەرەللىك تۈردە چىقىرىپ بەرگەن. 2017- يىلى 12- ئايدا، بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئالماشقان، ما x كۆپ قېتىم ھەمكارلىق ھەققىنى بېرىشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك قانۇنىي ۋەكىل قەرزنى ھازىرقى قانۇنىي ۋەكىل ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەننى باھانە قىلىپ، ما xنىڭ قەرز سۈيلەش ھەرىكىتىنى سىيلىق رەت قىلغان. ئەمما، ھازىرقى قانۇنىي ۋەكىل ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قانۇنىي ۋەكىل بىلەن ئىمزالىغان ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمىدىكى پۈتۈم بويىچە، بۇ ھەمكارلىق ھەققىنى ئالدىنقى قانۇنىي ۋەكىل ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. 2024- يىلى 2- ئايدا، ما x مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۈستىدىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، بۇ مەكتەپتىن 14 مىڭ يۈەن ھەمكارلىق ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 ھۆكۈم نەتىجىسى

 1- سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: ما x مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ شوپۇر تەربىيەلەش تىرېنېرى بولغان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن. ما x تەمىنلىگەن كۇرسانتلار تىزىملىكىدە يېزىلغان قايتۇرۇش سوممىسى، شوپۇرلۇق مەكتىپى چىقىرىپ بەرگەن پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى خې xنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ھەمدە شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنىي ۋەكىلى ۋاڭ x بىلەن ھازىرقى قانۇنىي ۋەكىلى ۋۇ xنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىگە ئاساسەن، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان دەلىل- ئىسپات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ما x تەشەببۇس قىلغان پاكىتنى دەلىللىگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئىككى قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق قەرزنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، كونا- يېڭى قانۇنىي ۋەكىللەر ئوتتۇرىسىدا شوپۇرلۇق مەكتىپىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش تالاش- تارتىش ئىشىنى، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئايرىم تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

 1- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنى ما xكە 14 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەققى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپى قايىل بولماي، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

 2- سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى سوتچىسى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە قانۇننى چۈشەندۈرۈش، ئىشنىڭ يولىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەق تەلەپ پائالىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پەيدا بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، قانۇنىي ۋەكىل ئالماشقان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرىكى توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپى ئاخىرى نارازىلىق ئەرزىنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ما xكە 14 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەققى تۆلىگەن.

 سوتچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 61- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەن: قانۇن ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇنىي ئىگىگە ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەسئۇل كىشى قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.

 قانۇنىي ۋەكىل قانۇنىي ئىگە نامىدا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى قانۇنىي ئىگە ئۈستىگە ئالىدۇ.

 قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسى ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىغا چەك قويغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

 532- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، توختاملاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قانۇنىي ۋەكىل، مەسئۇل ۋە بېجىرگۈچىنىڭ ئالمىشىشى سەۋەبىدىن توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا يول قويۇلمايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125