ئۈرۈمچىدە ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش پەيتى كەلدى
10:51:25 2024-11-27 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۆي بېزەش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئېتىبار بېرىلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توڭلاتقۇ سېتىۋالسا 4000 يۈەندىن كۆپرەك ئېتىبار بېرىلدى، ياغاچ پولنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىدا 800 يۈەندىن كۆپرەك ئېتىبار قىلىندى... ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش پائالىيەتلىرى سىجىل قىزىپ كەتتى. 11- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاش پەسلى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئائىلە بۇيۇملىرى بايرىمى، خېجيا تورىدىكى ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈچ كۈندە 50 مىڭ ئېكسكۇرسىيەچى (قېتىم) جەلپ قىلىندى.

 ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى، كارخانىلار قىزغىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى پائال قاتنىشىپ، ئالاقىدار ئۆي بېزەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يەرلىك داڭلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىدىن جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئوۋپەي زاكازلىق ياساش، چىنيۈەن سۇ تازىلىغۇچ قاتارلىقلارمۇ پائال قاتناشتى.

 كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. شىنجاڭ شىجى جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ ۋېيلى مۇنداق دېدى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىللىق ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا سېتىش مىقدارىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.

 ياڭ ۋېيلى مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال ئارزۇسى مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىتىلدى، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشى بولدى. ئىستېمالچىلار يۈرۈشلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇنىڭغا ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، تولۇقلىما بېرىلىدىغان سومما ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ». شىنجاڭ خەيجى بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: «ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا بىزگە 156 زاكاز چۈشتى، مول ھوسۇل ئالدۇق. ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى ئاساسىدا، كارخانىمىزمۇ تۈرلۈك ياردەم پۇلى ۋە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئۇنىۋېرسال ئېتىبار بېرىش 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

 بۇ نۆۋەتلىك ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسىگە 100دىن ئارتۇق ئۆي بېزەكچىلىكى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسىنىڭ 1000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى قاتناشتۇرۇلۇپ، ئىستېمالچىلارغا بىر بېكەت شەكلىدىكى تاللاپ سېتىۋېلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاشقا ئائىت ياردەم پۇل سىياسىتى تەشۋىق قىلىندى.

 ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 49 خىل تاۋارنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي بېزەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جابدۇقلىرى 25 تۈردىكى مەھسۇلات بولۇپ، بۇلار مۇنچا، ماتۇڭ، ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكى، چىنە خىش، پول، تەييار دېرىزە، چىراغ، تام قەغىزى ھەمدە كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن سۇ تازىلىغۇچ، قەھۋە ماشىنىسى، چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچ، دۇخوپكا، توك پار، توك قازان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆي جاھازلىرى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان 24 خىل تاۋار كىيىم ئىشكاپى، ئىشكاپ، سافا، كارىۋات جازىسى، ماتراس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يەنە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلاردىن كۆپ ئىقتىدارلىق كارىۋات، سافا، توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق، ھەر خىل كۆزىتىش- ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

 ئىستېمالچىلار قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تۇرمۇش ئەپ دېتالىغا (建行生活App) كىرىپ، «يەرلىك ئېتىبار بېرىش» مەخسۇس رايونىنى چېكىپ، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى بۆلىكىگە كىرىپ، سېتىۋالماقچى بولغان تاۋار تۈرىنى تاللاپ، بۇ تاۋارلار سېتىلىدىغان دۇكاننى سۈرۈشتۈرسە ۋە ياردەم پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىستېمالچىلار يېقىن ئەتراپتىكى دۇكانغا بېرىپ تاۋارنى تاللاپ، قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرمۇش ئەپ دېتالى ئارقىلىق پۇل تۆلىسە بولىدۇ. پۇل تۆلىگەندە دۇكاننىڭ سېتىش باھاسى ئاساسىدا باھا %15 چۈشۈرۈلىدۇ، ئىستېمالچى پەقەت تاۋار باھاسىنىڭ قالغان %85 بويىچە پۇل تۆلىسە بولىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە شەھەر بويىچە ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان كارخانا 160 (دۇكان 698)قا يېتىپ، ئۆي بېزەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ 12 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىلىشىغا تۈرتكە بولغان. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125