كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تور ۋە تور سىرتىدا تەڭلا ئالغا سىلجىتىلدى
11:04:56 2024-11-27 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى يۆ يۈجيې جىڭدۇڭ سۇپىسىدىكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 2000 يۈەن تېجەپ قالدى.

 مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 24- كۈنى جىڭدۇڭ سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جىڭدۇڭ سۇپىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى بۇنىڭغا پائال قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار جىڭدۇڭ سۇپىسىدىن سېتىۋالغان خاتىرە كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كومپىيۇتېرنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

 بۇنىڭ ئىچىدە 1- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتلىق مەھسۇلات سېتىۋالغانلار %20 ياردەم پۇلىدىن، 2- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتلىق مەھسۇلاتنى سېتىۋالغانلار %15 ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ھەربىر خېرىدار ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتا پەقەت بىرلا تاۋاردا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

 جىڭدۇڭ سۇپىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارنىڭ بەلگىلىگەن ئورنى ھەمدە مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى شىنجاڭدا بولسىلا، يۈنشەنفۇ ئەپ دېتالى ئارقىلىق «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كۆزنىكىنى چېكىپ شىنجاڭدىكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى مەخسۇس رايونى ئارقىلىق توردىكى پائالىيەت مەخسۇس رايونىغا كىرىپ سالاھىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، ئاندىن جىڭدۇڭ ئەپ دېتالىغا كىرىپ «شىنجاڭدىكى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كۆزنىكىنى ئىزدەپ بەت يۈزىگە كىرىپ تەلەپكە ئۇيغۇن مەھسۇلاتلارنى تاللاپ، ئاندىن يۈنشەنفۇ ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى تاماملىسا بولىدۇ.

 بەزى تىپتىكى مەھسۇلاتلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كۆپ خىل ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىمۇ يولغا قويۇلدى، ئەسلىي باھاسى 13 مىڭ 999 يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرنى مىسالغا ئالساق، جىڭدۇڭ سۇپىسى بۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى 1000 يۈەن چۈشۈردى، يەنە باھاسى 1000 يۈەنگە يەتسە 100 يۈەنلىك ئېتىبار بېرىش بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن 2000 يۈەن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا بۇ خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قولغا كېلىش باھاسى 10 مىڭ 899 يۈەن بولىدۇ.

 يۆ يۈجيېنىڭ ئېيتىشىچە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە يان تېلېفونىنىمۇ ئالماشتۇرغان.

 كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، كونا لەنيالىق تىڭشىغۇچ، كونا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىقلارمۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى.

 شىنجاڭ خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ھۆكۈمەت- كارخانا كەسپىي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى گو ئېنخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىزنىڭ يىغىۋېلىش- باھالاش سۇپىسى بار، بۇ سۇپا مەخسۇس خېرىدارلار ئېلىپ كەلگەن كونا بۇيۇملارنىڭ قىممىتىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىۋېلىش سوممىسى قايتۇرۇلىدۇ. خېرىدارلار سېتىۋالغان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنىڭ باھا بۆلىكىگە ئاساسەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئاپتونوم رايوننىڭ 1000 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، ئېنېرگىيە ئىقتىدار سەرپىياتى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، %15 ياكى %20 دۆلەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ھازىر دۇكانلىرىمىزدا سېتىلىۋاتقان يان تېلېفون، خاتىرە كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ.

 گو ئېنخۇي مۇنداق دېدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، كارخانىمىزنىڭ كەسىپ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىستېمالچىلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىدىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىمۇ شەھەر ئاھالىلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلدى. ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تالونغا يېزىلغان باھاسى 50 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى سېتىۋالسا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 18 مىڭ يۈەن، ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى سېتىۋالسا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 13 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

 ھازىر ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بارلىق 4S دۇكانلىرى ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، 27 ئاپتوموبىل كارخانىسى ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. يەنە بەش كارخانا، 75 دۇكان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125