11- ئاينىڭ 24- كۈنى، دەل 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلىشنى باشلىۋەتتى.
سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىش بىر ھەپتە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024- 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدىكى تۇنجى چاڭغا تېيىلىش مۇراسىمى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا باشلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ 2024- 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
پائالىيەتتە چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرلىرى، ئۆگەنگۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن چاڭغا تېيىلىش چاسا ئەترىتى چاڭغا تېيىلىش يولىدىن ئۇچقاندەك تېيىلىپ چۈشۈپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى بىردىنلا جانلاندۇرۇۋەتتى. نەنسەن دېڭىز دۇنياسى دېڭىز- ئوكيان باغچىسىدىن كەلگەن دېڭىز شىرى ۋە ئەر، ئايال «ئادەم بېلىق» ئارتىسلىرىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى شياۋ يۈفېي مۇنداق دېدى: «كۆك ئاسماندا ئاق بۇلۇت، مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، ئۇلارنىڭ قار يولىدىن ئۇچقاندەك تېيىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىزمۇ چاڭغا تېيىلىشقا تەقەززا بولدۇق. بۇلتۇر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چاڭغا تېيىلغىلى كېلىپ، بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، تەبىئىي مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم، بۇ يىل يەنە شىنجاڭغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىش سەپىرىمنى باشلىدىم».
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەت بايلىقى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا قار- مۇز ئالتۇن كەڭلىك بەلبېغى شىمالىي كەڭلىك 43 گىرادۇسقا جايلاشقان، قىش پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 7 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، قار مەزگىلى بەش ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن، 60 قار يولى بار ئىكەن، قار يولىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 6.93 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش ساياھەت ئارامگاھى ھېسابلىنىدىكەن، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن قار- مۇز ھەۋەسكارى «ئەڭ ئىللىق چاڭغا تېيىلىش ئارامگاھى» دەپ تەرىپلىگەن.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024- 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈرۈمچى ناھىيەسى قار- مۇزلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قار- مۇزنى ۋاسىتە قىلىپ، ساياھەتنى كۆۋرۈك قىلىپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن قار- مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سوغۇق بايلىق»نى ھەقىقىي ھالدا «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندۇرىدۇ.
پىلان بويىچە، 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە ئۈرۈمچى ناھىيەسى «قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى شادلىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇش»، «قار- مۇز مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش»، «قار- مۇز مۇسابىقىسى قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈش»، «قار- مۇزدا مەززىلىك تائاملاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر بويىچە جەمئىي 42 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە «قار- مۇزدىن ھۇزۇرلىنىشتا نەنسەنگە تەلپۈنۈش»نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن شادلىق ۋە قايناق ھېسسىياتتىن بەھرىلەندۈرىدۇ.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جېنيۈ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى قار پەسلىدە ئۈرۈمچى ناھىيەسى «ئىللىق بولۇش»، «دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى بولۇش»، «شەھەرگە يېقىن بولۇش»تەك ئالاھىدىلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك قار- مۇز پائالىيەتلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە قانغۇچە چاڭغا تېيىلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، پاكىز، راھەت ياتاقلاردا قونۇش، پۇخادىن چىققۇچە ئويناش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارغا مول مەزمۇنلۇق قار- مۇز ساياھىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ. (مۇخبىر گو جۈنگې)