بۇ ئىككى كۈندە، قېلىن قار يېغىپ، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنى تىجارەت باشلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلار تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن باشلاپ، قار- مۇز ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.
فۇكاڭ شەھىرىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، ھازىر دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك يەتتە قار يولى بار، 2023- يىل − 2024- يىللىق قىش پەسلىدە جەمئىي 120 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم)نى كۈتۈۋالدى، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ھازىر سۈنئىي قار ياساش مەشغۇلاتى قىلىنماقتا، 12- ئاينىڭ بېشىدا تىجارەت باشلاش پىلانلاندى.
2023- يىلى قىش پەسلىدە، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). مۇخبىر شۈ لې فوتوسى
بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ ياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا 9- ئايدىن باشلاپ تىجارەت باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ، ھازىر خادىملارنى تەربىيەلەش، چاڭغا تاختىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئاسما يول سىستېمىسى ۋە ئاسما ۋاگوننى ئومۇميۈزلۈك ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ بولدى. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ھازىرلانسىلا، بىرىنچى بولۇپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ يىل بىز ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش تۈرىنى كۆپەيتتۇق، بېلەت بىلەن ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ 1.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چاڭغا تېيىلىش يولىدا مەنزىرە تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا يەنە يېڭىدىن بەش گۇرۇپپا ئۆي سىرتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توكلىغۇچ ئورناتتۇق، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، ۋۇجياڭ ئارىشاڭ شەھەرچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويدۇق».
2024- يىل − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قارلىق دالىدىكى خوگو، يۈك ساندۇقىسىمان قەھۋەخانىدىكى قەھۋە، ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىپ باھالاش، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى، ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنە چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاڭغا تېيىلىش بايرىمى، قىشلىق كۈن توختاش مەۋسۇمى مەززىلىك تائاملار بايرىمى، قار- مۇز ئۆرپ- ئادەت پەسلى، يېڭى يىل كېچىسى مۇزىكا كېچىلىكى ۋە تۈرلۈك چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ.
نۇرجا خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 4S چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، سانجى شەھىرىنىڭ مياۋئېرگۇ يېزىسىغا جايلاشقان، نۆۋەتتە چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرىنى ئاسراش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىپ بولدى، ھازىر سۈنئىي قار ياساش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 12- ئاينىڭ بېشىدا تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.
2023- يىلى قىش پەسلىدە، نۇرجا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار ياساش مەشغۇلاتى قىلىنماقتا. سۈرەتنى نۇرجا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن
بۇ يىل نۇرجا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆت كىشىلىك ساياھەت ئاسما ۋاگونى، توكلۇق يول قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلىنىپلا قالماي، يەنە 1200 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك قار يولى (ئەسىر يولى) كۆپەيتىلدى، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ 3- قەۋىتىگە يېڭىدىن ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش رايونى كۆپەيتىلدى. شۇ چاغدا، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا جەمئىي ئالتە چاڭغا تېيىلىش يولى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دەسلەپكى دەرىجىلىك يولدىن ئىككىسى، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك يولدىن ئۈچى، ئالىي دەرىجىلىك يولدىن بىرسى بار؛ يەنە چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى، قارلىق دالا تانكىسى، قارلىق دالا موتوسىكلىتى، چاڭغا تېيىلىش يولى دالا ئاپتوموبىلى، بالىلار قار ئويناش رايونى قاتارلىق كۆپ خىل قار- مۇز تەنھەرىكىتى تۈرلىرى تەسىس قىلىندى.
2023- يىلى قىشتا، ساياھەتچىلەر نۇرجا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. سۈرەتنى نۇرجا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن
بۇنىڭدىن باشقا، گۇچۇڭ ناھىيەسى نەنخۇ شادلىق جىلغىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، يۈپەن قار جىلغىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، جىمىسار ناھىيەسى يىپەك يولى بېيتىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، مورى ناھىيەسى مورى دەرياسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئارقا- ئارقىدىن تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇخبىر شۈ لې، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جياجۈن خەۋىرى
پايدىلانغان مەنبە: سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)